باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

باي بولۇش يولى قانداق بولىدۇ؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-15 19:46:12

ئابلىز ئۆمەر ھاجى

   نۇرغۇن كىشى تاپقان پۇلۇم ئاز بولغاچقا باي بولالمىدىم، پۇلنى كۆپرەك تاپالىغان بولسام، مۇشۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى تېجەش ئارقىلىق باي بولاتتىم ياكى بىرەر ئىشقا مەبلەغ سالاتتىم، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش خاتا. بەزىلەر مەن نېمىشقا كۆپ پۇل تاپالمايدىغاندىمەن، دەپ ئۆزىدىن ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ. ئوبدان ئويلاپ باقساق، مىليونېرلار تۇيۇقسىزلا پۇلدار بولۇپ كەتكەن ئەمەس، ئۇلار پۇل تېپىش بىلەن پۇلنى قانداق خەجلەش ۋە تېجەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىغان. دېمەك، باي بولۇش – بولالماسلىقىمىزدىكى نېگىزلىك مەسىلە پۇلغا بولغان تونۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەمىزدە.

   تۆۋەندىكى مەسىلىلەر بەلكىم باي بولۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن:

   باشقىلارنىڭ ماشىنىمىزغا بەرگەن باھاسىغا بەك ئېتىبار قىلىپ كېتىش

   ماشىنا ھاجىتىمىزنى راۋا قىلىدىغان، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئېلىپ بارىدىغان قاتناش قورالى، ئەمما بەزىلەر ماشىنىنى سالاھىيەتنىڭ بەلگىسى، دەپ قاراپ، نەچچە يىلدا بىر ماشىنا ئالماشتۇرىدۇ، ھازىرقى ماشىنىمىز ھاجىتىمىزدىن چىقىۋاتقان بولسا، باشقىلارنى دوراپ ياكى مودا قوغلىشىپ يېڭى ماشىنا ئېلىشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق. باشقىلارنى دوراپ يېڭى ھەم قىممەت ماشىنا ھەيدەيمەن، دەپ قەرزگە بوغۇلغاندىن كۆرە، ھازىرقى ماشىنىمىزنى ئوبدان ئاسراپ ھەيدەپ تۇرغىنىمىز ماھىيەتتە پۇل تاپقانلىق، ھېچبولمىغاندا پۇل تېجىگەنلىك بولىدۇ.

   ياخشى كۈن كۆرۈشۈم كېرەك، دەپلا ئويلاش

   ئالاھىدە ياخشى تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشىشىم كېرەك، دەپ ئويلىساق، شۇنىڭغا تۇشلۇق چىقىم قىلىشىمىز كېرەك. بەزىلەر شارائىتى يار بەرمىسە بانكىدىن ياكى باشقىلاردىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق يۇقىرى ئىستېمال ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قەرز بىرخىل روھىي بېسىم، ئەمەلىي ئىستېمالدىن ھالقىپ كەتكەن قەرزدارلىق پۇتىمىزنى چۈشەپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئامال بار باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە بەسلەشمەسلىكىمىز كېرەك.

   قەدەم ئاستا بولۇش

   ھەممىلا ئادەم پۇل تېپىپ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما بەزىلەر ‹‹كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ›› دەپ پۇل تېپىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. پۇل تېپىشتا بازارنى، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلەش كېرەك. ئەگەر مەلۇم تۈر ياكى ساھەدە پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزىمىز يەتسە، دادىل بولۇپ، دەرھال ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىمىز ياخشى. پۇل تېپىشتا تەۋەككۈلچىلىك روھى بولمىسىمۇ بولمايدۇ.

   داۋاملىق ئۆگىنىشنى خالىماسلىق

   ئۆگىنىدىغاننى مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولدۇم، ئەمدى داۋاملىق ئۆگىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىماي، ئاڭلىق يوسۇندا ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، خىزمەتتە نەتىجە قازىنىش بىلەن بىللە، پۇل ھەم يول تاپالايمىز. ئۆگىنىش ئۆمۈرلۈك مەشغۇلاتىمىز بولغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز قىسقىرايدۇ.

   زۆرۈرىيىتى يوق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش

   باشقىلارنى دوراپ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق نەرسىلەرنى سېتىۋالساق، پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا ئېھتىياجىمىز يوق نەرسىلەرنى ئالدىراپ سېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

   چوڭ ئۆي سېتىۋېلىش

   چوڭ ئۆينىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق چىقىمى ۋە يۈكى بولىدۇ. قەرز، باج، چوڭ رېمونت ھەققى دېگەندەك ئىقتىسادىي يۈكلەر بىزنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ. بەزىلەر ئۆينىڭ قىممىتى ئېشىپ ماڭىدۇ، ئۆي ئالغانلىق ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغانلىق دەپ قاراپ، باشقىلارنى دوراپ بىر مۇنچە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆي مەسىلىسىدە ھالىمىزغا قاراپ ئىش قىلغىنىمىز ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.

   پۇل تېپىپ باي بولالماسلىقىمىزدىكى سەۋەبلەر نۇرغۇن، يۇقىرىقىلار قىسمەن سەۋەبلەر. قانداقلا بولسۇن ئىقتىساد ئېڭىمىزدىكى بەزى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىپ تېجەشلىك بولساق، ئۇزاققا قالماي باي بولۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلىشىمىز مۇمكىن.

ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2