باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مۇھەببەت، نىكاھ ۋە تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق چىن بولىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-06 20:25:08

ئەرلەر گەرچە گۈزەللەرگە ئامراق بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئەمرىگە ئېلىشى ناتايىن، ئەڭ ئاخىرىدا...ئەرلەرنىڭ ئەمرىگە ئالىدىغىنى خوتۇن بولۇشقا لايىق ئايالدۇر.

ئاياللار گەرچە پۇلغا ئامراق بولسىمۇ، بىراق بايلارغا ياتلىق بولۇشى ناتايىن، ئەڭ ئاخىرىدا...ئۇ يەنىلا ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلارغا ياتلىق بولىدۇ.

 

شۇڭلاشقا، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قوغلىشىدىغىنى بايلىق ۋە گۈزەللىكنى بولماستىن، مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاقكۆڭۈل قىزلارمۇ گۈزەل ھېسابلىنىدۇ، مەسئۇلىيەتچان ئەرلەرمۇ باي ھېسابلىنىدۇ.

 

ئاياللار يېشى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە تويغا ئالدىرىمايدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىىشىپ، تويغا جىددىيلىشىدۇ. ئەرلەر ئەكسىچە، ئۇلار قانچە نامرات ۋاقتىدا شۇنچە تويغا ئالدىرايدۇ، باي بولغانسىرى توي قىلىشنى خالىمايدۇ. نىمىشقا مۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئاياللاردىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ياشلىقتىن كېلىدۇ، ئەرلەردىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بايلىقتىن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ياش ۋاقتىدا ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان ئايال ۋە باي ۋاقتىدا يەنىلا ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدىغان ئەرنىڭ ئىككىلىسىلا ئەڭ قەدىرلىك بولىدۇ.

 

تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىش: بىرى ساغلاملىق. ئەگەر كىشلىك ھاياتنى بىر دەرەخكە ئوخشاتساق، ساغلاملىق مۇشۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ. چوڭقۇر يىلتىز بولغاندىلا يۇپۇرماقلار بۈك- باراقسان ئۆسەلەيدۇ. ساغلام بولمىغان بەدەندىكى  مەرتىۋە ۋە بايلىقلار خۇددى تۈتۈنگە ئوخشايدۇ. يەنە بىرى پىسخىك ھالەت. كىشلىك تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت ۋە غەلبە بولۇپ تۇرىدۇ. پىسخىك ھالەت ئوخشىمىسا كىشلىك تۇرمۇشتا خۇددى ئاسمان بىلەن زىمىن پەرقى بولىدۇ. تىنچ بىر يۈرەكنى تاۋلاپ چىقالىسىڭىزلا، كىشلىك تۇرمۇشتا ھەممە نەرسە سىزگە شۇنچىلىك ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ساغلاملىق چېنىقىشقا باغلىق، پىسخىكا يىتىلدۈرۈشكە، تەقدىر پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.

 

ئەگەر سىز خوجايىنىڭىزنى خاپا قىلىپ قويسىڭىز ، يوقىتىدىغىنىڭىز بىر كىشلىك خىزمەت بولىدۇ؛ ئەگەر سىز خېرىدارىڭىزنى خاپا قىلىپ قويسىڭىز، يوقىتىدىغىنىڭىز بىر پارچە زاكاس تالۇنى بولىدۇ. دۇنيادا پەقەت بىرلا كىشىنى خاپا قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، سىز ئۇنىڭغا خالىغانچە دوق قىلالايسىز، ئۇنىڭغا كوتۇلدىيالايسىز، يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب ياندۇرالايسىز، ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدا قاچىلارنى چاقالايسىز، ئۇ يەنىلا مەڭگۈ سىزگە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئانىڭىز. شۇڭلاشقا دەيمەنكى، سىز كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت كونتىرول قىلىڭ، بولۇپمۇ ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا!

 

مەلۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا، سىز ئەمدى مۇھەببەت ئىزدىمەيسىز، پەقەت باشقىلارنى سۆيىسىز؛ غەلبە قازىنىشقا ئىنتىزار بولمايسىز، پەقەت پۈتۈن ئىخلاسڭىز بىلەن ئىشلەيسىز؛ يىتىلىشنى قوغلاشمايسىز، پەقەت يىتىلدۈرىسىز. ئۇنداقتا ھەممە نەرسىلەر ئەمدى ھەقىقىي باشلانغان ھېسابلىنىدۇ! ئۇنداقتا، ھەقىقىي سۆيگەن، غەلبە قىلغان، يىتىلگەن بولىسىز! روھىڭى ئۆيگە قايتىش يولىدا، بۇ خىل گۈزەل غالبىيەت تۇيغۇسى سىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇھەببەت، غەلبە، يىتىلىشلەردىن مەڭگۈ ئېشىپ چۈشىدۇ.

ئەگەر سىز سۆيسىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يىرى مۇھەببەت بىلەن تولىدۇ؛ ئەگەر سىز نەپرەتلەنسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەممىلا جايى نەپرەت بىلەن تولىدۇ. ئەگەر سىز مىننەتدارلىق بىلدۈرسىڭىز، ھەممىلە جايلار مىننەتدارلىق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر سىز يىتىلسىڭىز، ھەممە ئىشلار پىشىپ يىتىلىدۇ. دۇنيا سىزنى تاللىمىدى، ئەكسىچە سىز دۇنيانى تاللىدىڭىز. ھىچ قانداق جايغا مۇكۈنۈۋالالمىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئەخمەقلەرچە كۈلۈڭ؛ ھىچ يەرگە قاچالمىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا، خوشال ياشاڭ. پاكىزە تۇپراق بولمىسىمۇ، پاكىزە قەلبىڭىز بولسۇن.

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2