شېئىر ئوغرىلىغان ئوغرى
ئوبزور
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
شۇ تاپتا قولۇمدا ئىجادىي ھاياتىمدىكى تۇنجى ھېكايەمگە گۈلىستانلىق باغرىدىن يارىشىملىق ئورۇن بەرگەن «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانى تۇرۇپتۇ. ژۇرنال بېتىدىن ھاياتقا قاراپ بەرق ئۇرغان قىزىلگۈلدەك خۇشپۇراق يازمىلارنى ئوقۇش ئۈچۈن ھەربىر بەتنى ئالدىرىماي ئاستا ئاچماقتىمەن.
28-بەتتىن مېھرىمنى تەستە ئۈزۈپ 29-بەتكە كۆز نۇرۇمنى بەردىم. مۇختەرجان سەئىد ئۆمەر پاك ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ «بايرىمىڭلار مۇبارەك» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىن ماكان تۇتقان ئالتە كۇپلېتلىق بىر شېئىرىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شېئىرنى ئوقۇدۇم. لېكىن شېئىر ماڭا باشقا بىر قەلەمدىن مەجبۇرىي ئىككىنچى قېتىم يارىلىپ قايتا ئېلان قىلىنغاندەك تۇيغۇ بەردى. شۇئان كاللامدا گۇمانىمنى مۇكەممەل پاكىتقا ئايلاندۇرۇش ياكى تۇمان پېتى توزۇتۇۋېتىش ئويى قارارلاندى. قولۇمدىكى ژۇرنالنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلاپ خىيالغا چۆكتۈم.
خىيال قۇشۇم ئاسمىنىمدا يېرىم سائەتتەك پەرۋاز قىلىپ ئاخىرى مۇختەرجان سەئىد ئۆمەر پاك قەلىمىدىكى شېئىرنىڭ ئەسلىي ئىگىسىنى تېپىپ كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شېئىرنىڭ قانۇنلۇق ھەقدارى ئىنسانغا خاس ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئەتراپىدىكى تامامىي ئادەملەرنىڭ ھۆرمەت-ئىشەنچىگە ئېرىشكەن، تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە دادىل ھالدا يۈزلەنگەن ياش شائىر-ئەنۋەر ھىدايەت ئىدى. شۇئان كىتاب ئىشكاپىمدىن ئۇنىڭ «نېلۇپەر ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئالدىم. توپلامنىڭ 136، 137-بېتىدىكى «بايرىمىڭلار مۇبارەك» ماۋزۇلۇق سەككىز كۇپلېتلىق شېئىرىنى ئوقۇدۇم. كەينىدىن بۇ شېئىرنى مۇختەرجان سەئىد ئۆمەر پاك قەلىمىدىكى «بايرىمىڭلار مۇبارەك» ماۋزۇلۇق شېئىر بىلەن قۇرمۇقۇر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.
بايرىمىڭلار مۇبارەك
ئەنۋەر ھىدايەت
قىز-چوكانلار، خانىملار،
زەپەر قۇچقان ئايىملار.
بىر سۆزۈم بار دائىملار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
خىزىر دېگەن ئۆزۈڭلار،
چولپان تۇغار كۆزۈڭلار.
شۇڭا يورۇق يۈزۈڭلار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
مېھرىڭلاردىن تاڭ ئاتار،
قولۇڭلاردا كۈن ياتار.
ئاۋازىڭلار بىر ساتار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
سىلەر ھايات بۇلبۇلى،
بەيگىلەرنىڭ دۇلدۇلى.
ئەركەكلەرنىڭ ئوڭ قولى،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
كۈلكەڭلاردىن قۇت ياغار،
ھىممىتىڭلار بىر تاغار.
يۈرىكىڭلار ئاپئاق قار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
گۈزەللىكتە ئاي سىلەر،
چاڭقاق دىلغا چاي سىلەر.
خىسلەتلەرگە باي سىلەر،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
بىرگە بارساق بارخانغا،
ياكى چەكسىز ئورمانغا.
جان قوشۇلار بۇ جانغا،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
بايرام بۈگۈن ئويناڭلار،
ساما سېلىپ قايناڭلار.
مەڭگۈ شۇنداق ئايناڭلار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
شائىرنىڭ «نېلۇپەر ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
بايرىمىڭلار مۇبارەك
مۇختەرجان سەئىد ئۆمەر پاك
قىز-چوكانلار، خانىملار،
يېرىم دۇنيا ئايىملار.
شان-زەپەردە دائىملار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
مۈشكۈللەردە ئۆزۈڭلار،
لاتاپەتلىك سۆزۈڭلار.
دائىم يورۇق يۈزۈڭلار،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
چېھرىڭلاردا يانار كۈن،
چېچىڭلاردا ياشار تۈن.
پەرى دەيمىز شۇ ئۈچۈن،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
سىلەر ۋەتەن بۇلبۇلى،
جەڭگاھلارنىڭ دۇلدۇلى.
ھاياتلىقنىڭ پۇت-قولى،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
گۈزەللىكتە ئاي سىلەر،
چاڭقاق دىلغا چاي سىلەر.
ھېسسىياتقا باي سىلەر،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
بىرگە بارساق بىنەمگە،
مېھىر تولار سىنەمگە.
چۆل ئايلىنار گىلەمگە،
بايرىمىڭلار مۇبارەك.
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.
پاكىز نىيەت بىلەن يېزىلغان ھەر قانداق مەزمۇندىكى بىر پارچە شېئىر ئىنسان روھىنىڭ ساپ ئاۋاز بىلەن پىچىرلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ھېسسىيات ئىنتايىن سەمىمىي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە كۆز ئاچقاندىن كېيىنكى قىياپىتى تەمتەم قەدەم ئالغان بوۋاقنىڭ قىياپىتى بىلەن ئوخشاش سىياقلىنىدۇ. ئېتىقادلىق بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەت كوچىسىدىكى تاللىشى ئۈچۈن ئەدەبىياتقا تەۋەلەنگەن تامامىي ژانېرلارنىڭ ئىچىدە شېئىرنىڭ تارتىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. تاللاشلىرى ئىچىدىن ئۇنىڭغا شېئىردەك زاھىرەن جاپاسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن باتىن شادلىقى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىقتىن يەنە بىرى تېپىلمايدۇ.
لېكىن كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىدىن كېچىپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان بىر پارچە شېئىرىنى باشقىلارنىڭ نامىدا كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئاپتورغا نىسبەتەن بۇ ئىنتايىن ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدۇ.
ئەپسۇسلۇق تۇيغۇلىرىمنى ئامالسىز بوشقىنە قۇچاقلاپ تۇرۇپ شائىر ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ سۈزۈك چىرايىغا قايتا نەزەرىمنى سالدىم. ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ قارىچۇقلىرىدا ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان ھالال شېئىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا يارىلانغاندىن كېيىنكى يارىدار قىياپىتىگە بولغان كۈچلۈك ئېچىنىش ۋە بىئاراملىق تۇيغۇسى بىتىنىم پىلىلداپ تۇراتتى. ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ تۇيۇقسىز زەربىگە يولۇقۇپ نېمە ئىش قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالغان ئادەمدەك جاۋابسىز تۇرغان تۇرقىدىن ئىچىم ئىنتايىن ئاچچىق بولۇپ بۇ ئاددىي يازمىنى پۈتتۈم.
ئىشىنىمەنكى، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى يولىغا كومپاس بولالايدىغان ئەدەبىياتقا خالىغىنىچە چاقچاق قىلىدىغان بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىغا ئەدەبىياتتىن ئۇزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەقىللىك ئوقۇرمەنلەر چوقۇم لىللا باھالىرىنى بېرەلەيدۇ.
مۇھەررىر ئىلاۋىسى:
شېئىر-شائىرنىڭ قەلب ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز؛ شائىرنىڭ بەرىكەتلىك قەلىمىدىن تامغان مۇقەددەس قەترە. ھەقىقىي شائىر ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ئالىمىنى، ھەتتا بارلىقىنى شېئىرلىرى ئارىسىغا دۈملىۋەتكەن بولىدۇ. شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسى ھەتتا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئىبارىدە شائىرنىڭ سىماسى بالقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، شېئىر دېمەك شائىر دېمەك؛ شائىر دېمەك شېئىرنىڭ قېنى ۋە جېنى دېمەكتۇر. قەلەمكەشلەرگە مۇھەررىردىن تەۋسىيەكى، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ شېئىرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەيلى! شېئىرلىرىمىزدا باشقىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئوتلۇق نىدالىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى قاناتلانسۇن!
بۇ ئوبزور «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان.