ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: پولشالىق مۇتەخەسىسلەر 21 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 7000 خانىم-قىزلارنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ساغلام خانىم-قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتى: دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 45 ياشتىن تۆۋەن خانىم-قىزلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى خانىم-قىزلارغا قارىغاندا ئالتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېيىشىتى: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغان تۆت خىل سەۋەب ئارىسىدا دىئابىت كېسىلىنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى بايقالدى. دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يا خانىم-قىزلار يۈرەك كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولغاندىن باشقا، يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، قان قېتىشىش كېسىلىگىمۇ ئاسانلا گىرىپتار بولىدىكەن. سالامەتلىكى ياخشى ئوخشاش ياشتىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، قان قېتىشىش كېسىلى ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !