شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:كۈزدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، ئاسا چاچ چۈشىدۇ ھەمدە چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرېۋىتىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ھەم سەۋەبى ئېنىق بولمىسا، چاچ چىقىرىدىغان ھەم ئاسرايدىغان بويۇملارنى ئالدىراپ ئىشلەتمەي، سەۋزە يەپ بېرىش كېرەك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدە كاروتىن مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرىدۇ ھەمدە بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئۆزگىرىپ، باش تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدەندە ۋىتامىن Aكەمچىل بولسا باش، تېرە ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، چاچ شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە قېنىق سېرىق رەڭلىك يىمەكلەردىمۇ كاروتىن مول بولىدۇ. مەسىلەن، كاۋا، ئاپلېسىن، ئالىقات قاتارلىقلار.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !