ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا بالدۇر يەڭگىگەن 15ئايالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: بالدۇر يەڭگىش بىلەن جىنسىي يولدىكى ئالاھىدە باكتىرىيەلىك ئارىلاشما ماددا ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقى بايقالدى. يەنى بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدا باكتىرىيە تۈرى كۆپ خىل بولىدىكەن، ئەگەر ئاياللاردا بۇخىل باكتىرىيە قانچە بۇرۇن بايقالسا ئۇلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. مەلۇم خىل ئەھۋالدا بۇ خىل باكتېرىيە توپى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەيدا بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بۇ بايقاش ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ بالدۇر يەڭگىش خەتىرى بار ياكى يوقلۇقىدىن بېشارەت بېرىش بىلەن بىللە ھامىلدار ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن باكتىرىيە تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالدۇر يەڭگىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !