خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەۋىرىدە ، 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ، ئەنياڭ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوس بېكىتىنىڭ A1 ئاممىۋى ئاپتوبوس قاتنايدىغان ئەنچى يولى بەيگاڭ كەنتى گاڭشەن يېزا يول بۈلىكىدە ، ئاپتوبوستا بىر قېتىملىق پىچاق كۈتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 12 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . سۈرەتتە ، قاتىلنىڭ سىزما رەسىمى ۋە نەق مەيداندىن ئېلىنغان كۈرۈنۈش تارتىلغان سۈرەت ئېلان قىلىندى . شەھەر پۇقرالىرى گۇمانلىق ئادەمنى بايقىغاندا دەرھال يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەن مۇپاكات پۇلى بېرىلىدۇ . ئالاقىلاشقۇچى :
چاڭ ساقچى ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى : 13803724587 ،
جاڭ ساقچى : 13803724587
خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئېلان قىلغان تۇتۇش بويرۇقىغا مۇنداق دىيىلگەن : 8- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 15:05 تە ، بىر دانە ئەنياڭ شەھىرىدىن ئەنياڭ ناھىيىسى شىمالى گۇڭ كەنتىگە بارىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبوستا بىر قېتىملىق پىچاق كۈتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى . جىنايەت گۇماندارى بىر ئەر ، 27 ياش ئەتراپىدا ، ئىگىزلىكى 1.65 مىتىر ، قسىقا چاچ ، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك سىزىقلىق مايكا كىيگەن بولۇپ ، مايكىسىغا قان تېغى بار . جىنايەت گۇماندارىنى بايقالغانلار دەرھال 110غا دىلو مەلۇم قىلىشى كېرەك . بىۋاستە جىنايەت گۇمداندارىنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەنلەرگەن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ . يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرمۇ مۇۋاپىق رازى قىلىدۇ .
خەۋەردە دىيلىشىچە ، ئاپتوبوستا 33 يولۇچى بار بولۇپ ، 15 ئادەم جىنايەت گۇمداندارىنىڭ پىچىقىدا يارلانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 ئادەم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى . يەنە بىر يارىدار جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى . ئەنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، نەق مەيداندا 400 دىن ئارتۇق ساقچى ئەۋەتىپ ، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇشقا باشلىدى .
بۇ دىلودىكى جىنايەت گۇماندارىغا ئالاقىدار يىپ ئۇچى تېخى كەلمىدى . داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز ...........
ئىگىزلىكى : 1.66 مىتىر ، تېرىسى : قارامتۇل ، سالامەتلىك ئەھۋالى : ساغلام
خېنەندە ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا تۇتۇش بويرۇقى چىقىرى...
شىنجاڭلىق127 ياشلىق موماي جۇڭگۇنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆمۈر چ...
ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توخ...
ھىندىستاندا بىر بوۋاقنىڭ بەدىنى ئۆزلىكىدىن ئوت ئېلىپ كۈيىد...
دانىيە ھۈكۈمەت خادىمى « يۇقىرى تىمپىراتورا بارلىق جۇڭگولۇق...