بارماق ئىزى چۈشۈرۈلگەن كىملىك يىل ئاخىرى ئوموملىشىدۇ

02013-08-20 10:23:36   جۇڭگو ئاخبارات تور   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 دۆلىتىمىزدە، ئاھالىلەر كىملىكنى يۈتتۈرىۋەتسە، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قايتا بىجىرگىلى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۋېتىشنىڭ ھېچقانداق چارىلىرى بولمىغاچقا، كونا كىملىكنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نورمال ئىشلىتىلىش ئەھۋاللىرى ھېلى ھەم مەۋجۇت بولماقتا .

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن يوقالغان، ئوغۇرلانغان كىملىكلەر توردا قانۇنسىز سودا ئىشىلىرىدا، شۇنداقلا تور بانكىسى ئېچىش، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش، ئالدامچىلىق، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى نىقاپلاش قاتارلىق جىنايى ئىشلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن . ئادەمنى تېخىمۇئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، دۆلىتىمىزدە ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ زۆرۈر بولغان مەخپىي شىفىر قاتارلىق ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئاساسىي ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغاچقا، ئەگەردە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەققى-تۇرقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى قولغا چۈشۈرسە، ئۇنداقتا " ئىككى ئادەم " گە ئايلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان .

13-ئاۋغۇست، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى بۇ ئشىقا ئىنكاس قايتۇردى. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى جەمئىيەت ئامانلىقى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سۈيئىستىمال قىلىپ سودا قىلىش ئىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىدۇ، ھەمدە يىل بېشىدا باشلانغان ئاھالىلەر كىملىكى بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكەتلىك ئاھالىلەر كىملىكى يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش سېستىمىسى قۇرۇپ، يۈتۈپ كەتكەن كىملىكنى مەلۇم قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

جامائەت خەۋپسىزلىك مېنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارلىشىچە، كىملىك پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇپ، ئاساسلىقى پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا شۇ كىشىنىڭ سالايھىتنى ئسپاتلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. گۇۋۇيۇەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، 2004-يىلىدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىك مېنىستىرلىكى ھەر قايسى جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىككىنچى ئەۋلاد ئاھالىلەر كىملىكى تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكتە كونتاكتسىز توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كارتىسى تېخنىكىسىنى قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەم ۋە ئاپپارات ئوقۇشتەك ئىككى ئىقتىدارغا ئىگە. مەخسۇس ئۆزىكى سىفىرلىق ساختىلىقتىن ساقلىنىش چارىسىدىن پايدىلانغان بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە. نۆۋەتتە، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە .

بۈگۈن مەن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان بىر خەۋەر ئاڭلىدىم، خەۋەردە :" ئادەم يۈتۈپ كەتسە مەيلى ، ھەرگىز سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يۈتۈپ كەتمىسۇن ! "دىيىلگەن . چۈنكى مەلۇم بىر ئادەم بانكىغا كىرىپ مۇلازىمەت بىجىرگەندە بانكا خادىمى ئۇئادەمگە " سىز بانكىدىن 480 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانكەنسىز ، تېخى قەرزنى قايتۇرماپسىز ! " دىگەندە ئۇ ئادەم ھەيران قالغان ھەمدە مەن بانكىدىن قەرز ئېلىپ باقمىدىم دەپ چۆچۈپ كەتكەن . تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكى يوقاپ كېتىپ ، قايتىدىن كىملىك بىجىرگەن . بىراق باشقىلار ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەن كىملىكى ئارقىلىق بانكىدىن نۇرغۇن پۇل قەرز ئالغان . شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن كىملىكنى بارماق ئارقىلىق تۇنۇش كەڭ ئوموملاشسا ، يامان نىيەتلىك ئادەمنىڭ يامان غەرىزى ئىشقا ئاشماي قالىدۇ ، ھەمدە سىزنى مەنپەئەتىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ .