ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھەرقايسى بېلىق باقمىچىلىق مەيدانلىرى كۆلچەك تازىلاش، بېلىجان سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىزمەتلەرگە سەل قارالسا، ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدۇ.
ئەتىيازدا بېلىق بېقىشتا، ئالدى بىلەن كۆلچەكنى پاكىزلاش ۋە رەتلەش كېرەك. ئاۋۋال كۆلچەكنىڭ سۈيىنى پاكىز تارتىۋېتىپ، كۆلچەك ئاستىدىكى ئارتۇقچە لاي - لاتقىلارنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ، كۆلچەك ئاستىنى بىر مەزگىل ئاپتاپقا سېلىپ، ئاندىن كۆلچەكنى تازىلاش كېرەك. كۆلچەكنى تازىلاشتا قۇرۇق تازىلاش ياكى سۇ بىلەن تازىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۆچۈرۈلمىگەن ھاكنى سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل كۆلچەككە سۇ سېپىش ياكى ئاقارتقۇچى پاراشوكنى ئېرىتىپ كۆلچەككە سېپىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، نەسىل تاللاشقا دىققەت قىلىپ، باقىدىغان بېلىق نەسلىنىڭ ھاۋا رايى، سۇ، يەم ۋە تېخنىكا قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەش، بازار ئۇچۇرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باقمىچىلار يەنە بېلىجانلارنى تەييارلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بېلىجان كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان باقمىچىلىق مەيدانلىرى ئۇرغاچى بېلىقلارنى يىغىش، تولۇقلاش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېلىجان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بېلىجاننى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامەسى بار، ئىناۋىتى يۇقىرى، ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن سېتىۋېلىش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش، پارقىراق، قاسىراقلىرى مۇكەممەل، ھەرىكىتى جانلىق، تېتىك، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، سۈپىتى ياخشى بولغان بېلىجانلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.