مۇھەررىرلەرنىڭ كىتاب تەھرىرلەش خىزمىتىدىكى رولى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

0 2013-07-11 12:36:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بىرىنچى، مۇھەررىرلەرنىڭ كىتاب تەھرىرلىك خىزمىتىدىكى رولى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
      بىر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇنداق ئەمگەك مېۋىسى ئەسەر يېزىش ئەمگىكى، تەھرىرلەش ئەمگىكى، بېسىش، تۈپلەش ئەمگىكى ۋە تارقىتىش ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق تۈرلۈك ئەمگەكلەر ئىچىدە پەقەت ئەسەر يېزىش ئەمگىكى، تەھرىرلەش ئەمگىكى ۋە تارقىتىش ئەمگىكى بولسا ئىجادىي مەنىۋى ئەمگەك خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ.
      ئەسەر ئىجاد قىلىش ئەمگىكى يازغۇچىنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى تونۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېزىق، سۈرەت قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، تەھرىرلىك ئەمگىكى مۇھەررىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىجادىي تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ توپلىغان بىلىملىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاپتورنىڭ ئەسەر ئىجاد قىلىش ئەمگىكىگە قارىتا پەرقلەندۈرۈش، تاللاش، تونۇشتۇرۇش، قاتنىشىش، پىلان تۈزۈش، رەتلەش، ئۆستۈرۈش، ئېلىپ تاشلاش ياكى قوشۇش ئارقىلىق تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، خىزمەت ھالقىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە بېكىتىپ ئاندىن بېسىش، تۈپلەش قاتارلىق قول ھۈنەر - سەنئەت ۋاستىلىرى ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ؛ تارقىتىش ئەمگىكى بولسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش، كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا يارىشا تەمىنلەش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق كىتاب ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ، نەتىجىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق بۇنداق مەنىۋى مەھسۇلات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
      تەھرىرلىك ئەمگىكى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەر يېزىش ئەمگىكىنىڭ  ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى يازغۇچى يازغان ئەسەر نەشر قىلىنىپ، تارقىتىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەن بىر كىتابنى قولىغا ئېلىپلا، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە مۇھەررىرنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەھرىرلىك ئەمگىكى بىلەن ئەسەر يېزىش ئەمگىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق يېزىق، سۈرەت خاتىرىلەنگەن ماتېرىيالنى كىتابقا ئايلاندۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ساقلاپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ مۇھەررىرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىلمايدۇ. مەسىلەن: بىر يۈرۈش<<ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى>>، <<ئۇيغۇر تېبابىتىدىن نەمۇنىلەر>> (2011 - يىلى ۋە2012- يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلغان)، <<دىۋانىي لۇغاتىت تۈرك>>،<<قۇتاتقۇبىلىگ>> قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارنىڭ توپلاپ رەتلىشى ئارقىلىق كىتاب ھالىتىدە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى. ئەگەر ئالدىنقىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى سىڭمىگەن بولسا بىزنىڭ بۇنداق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
      ئىككىنچى، مۇھەررىرلەرنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدىكى رولى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار
      1. مۇھەررىرلەرنىڭ سەۋىيەسىگە زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇش
      بەزى ئالىم، يازغۇچىلار ئادەتتە يېزىقچىلىق بىلەن تەھرىرلىك خىزمىتىنى بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرەم خوجا، ئېزىز ساۋۇت قاتارلىق ئەدىپلىرىمىز دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەھرىرلىك ئەمگىكى بىلەن يېزىقچىلىق ئەمگىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ ياكى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قويىدۇ. ھەمدە مۇھەررىرلەرگە يازغۇچىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن تەلەپ قويىدۇ.
      2. مۇھەررىرلەرنى يازغۇچىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش
      بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغۇچىلار بىلەن مۇھەررىرلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەمىشە يازغۇچىلارغا چوقۇنۇپ، مۇھەررىرلەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسى يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىدىن ئېشىپ چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يازغۇچى قەدىرلىنىپ، مۇھەررىرنىڭ ئەمگەك مېۋىسى قەدىرلەنمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى يازغۇچىلار مەلۇم ساھەدە مۇتەخەسسىس بولسىمۇ، ئەمما تىل - يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىش، كۆز قاراشنى ئىپادىلەش، تەھرىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھەررىرلەرگە خاس سەۋىيەنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى ناتايىن.
      3. مۇھەررىرلەرنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە سەل قاراش
       ھەرقانداق ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسەرلىرى كىتاب بولۇپ شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى مۇھەررىرنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ. مۇھەررىر پىششىقلاش ئارقىلىق ئەسەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. مەسىلەن، بىر دەرسلىك ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش جەريانىدا پىششىقلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىدۇ، ئۇنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىشقا توغرا كەلگەندە، مۇھەررىر ئۇنى ئانچە جاپا تارتماي تەھرىرلەيدۇ، ئەكسىچە بولسا، تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولسۇن تەھرىرلىك خىزمىتى كىتاب نەشرىياتچىلىقىدا باشتىن - ئاخىر ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. تەھرىرلىك ئەمگىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر، شۇڭا بۇ خىزمەتكە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
      ئۈچىنچى، كىتاب تەھرىرلىكى جەريانىدا مۇھەررىرلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى
      1. ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئاقارتىش ۋە بىلىم توپلاش رولى
      مۇھەررىر ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيىلەرنى يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ بىلىم بۇلىقىنى ئاچىدۇ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئىدىيە- مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈرلۈك يېڭى كىتابلارنى نەشىرگە ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىنسانلارنى بىلىم بايلىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
      2. ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى
      جەمئىيەت ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كىتاب ئورگىنالىنى پىلانلىق ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ مۇھەررىرلەرنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. ئەمما ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەر خىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي كىرىمى، تۇرمۇش ئادىتى، ئوقۇش قىزغىنلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار مۇھەررىرلەرنىڭ سەگەك مېڭە، ئالدىن كۆرەرلىك ئاڭ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئېڭى ئارقىلىق يېتەكلىشىگە مۇھتاج.
      3. ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولى
      مۇھەررىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇش، قىزىقىشى بىلەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېما تاللاپ، كىتاب نەشر قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە مۇھەررىر ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ مۇھەررىرلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق.
      4. ئۆتكەلنى ساقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رولى
      مۇھەررىر يازغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى پەرقلەندۈرۈش، تاللاش، پىششىقلاش، نەشر قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مۇھەررىر كىتاب ئورگىنالىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنىدۇر. شۇڭا كىتاب ئورگىنالىنى تاللاش، پەرقلەندۈرۈش، ئۆتكەلنى مەھكەم ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، نەشىرىياتقا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە يۈكسەك مەسئۇل بولىدۇ.
      5. كىشىلەرنى تەربىيەلەش رولى
      مۇھەررىر كىتاب چىقىرىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تۈركۈم ئاپتورلارنى تەربىيلەيدۇ ۋە بايقايدۇ. شۇڭا مۇھەررىرنىڭ كىتاب ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولى بولىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك كىتاب نەشىر قىلىنسا جەمئىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ. مۇھەررىر كىتاب چىقىرىپ كىشىلەرنى تەربىيلەپلا قالماي يەنە كىتابقا مۇجەسسەملەشكەن ئىدىيە، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تۇيغۇسى بىلەن پەن - مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ.
      تۆتىنچى، كىتاب تەھرىرلىك خىزمىتىدە مۇھەررىرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر
       مۇھەررىر ئاپتورنىڭ ئەسەر يېزىشتىن ئىبارەت ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ ئەمگەك ئوبيېكتى قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئەمگىكى بىرخىل مەنىۋى مەھسۇلات بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىۋاسىتە باسما زاۋۇتىغا ئېلىپ بېرىلمايدۇ. ئۇ بىرقاتار تەھرىرلىك جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن مەنىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ.
      1. مۇھەررىر تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك
      تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش، بىلىمنى يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى جۇغلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ. مۇھەررىر ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پارتىيە - ھۆكۈمەت تارماقلىرى، گېزىت - ژۇرنال نەشرىياتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، نۆۋەتتىكى تەشۋىقات مۇھىم نۇقتىلىرى بىلەن پىلانلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.
      2. مۇھەررىر ئىجادىي تەپەككۇرىنى پۈتۈن تەھرىرلىك خىزمىتىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك
      مۇھەررىر تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا ئىجادىي تەپەككۇر قىلىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى، تېما تاللاشتىن ئىلگىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى باسقۇچتىكى پەن - مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىشى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم تەڭ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.
      3. مۇھەررىر كىتاب تەھرىرلىك خىزمىتى جەريانىدا ئىجادىيلىقنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشى كېرەك
      مۇھەررىرنىڭ كىتاب ئورگىنالىنىڭ سىياسىي - ئىدىيەۋى خاھىشى، ئىلمىيلىكى ۋە بەدىئىيلىكىگە باھا بېرىش جەھەتتە ئوخشاشلا مۇھەررىرنىڭ ئىجادىي يۇسۇندا تەپەككۇر قىلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. چۈنكى كىتاب ئورگىنالى تېخى خام مەھسۇلات ھېسابلانغاچقا، نەشر قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا باھا بېرىش، ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كەمچىلىك بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش زۆرۈر.
      4. مۇھەررىر كىتاب تەھرىرلىك خىزمىتى جەريانىدا ئەسلى ئەسەرگە سېلىشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
      كىتاب ئورگىنالى رەتلەش، پىششىقلاش باسقۇچىغا كىرگەندە مۇھەررىر ئەسلى ئورگىنالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى، چۈشۈپ قالغان جايلارنى تولۇقلىشى، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كىتاب تېمىسى بىلەن مەزمۇنى ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بىردەك بولۇپ، كىتابنىڭ جەلب قىلىش كۈچى ئاشىدۇ - دە، ۋاسىتىلىق ھالدا كىتابتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، ئىجادىي ئەمگەكمۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.
      بەشىنچى، خۇلاسە
      تەھرىرلىك خىزمىتى پۈتكۈل نەشىرىيات خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىيلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، ئىلمىيلىكى، كەسپىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جاپالىق، ئىنچىكە، ئىجادىي ئەمگەكتۇر.
      مۇھەررىرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تەھرىرلىك ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇيۇشتۇرۇش، توپلام قىلىش، تەكشۈرۈپ ئوقۇش، تاللاپ تۈزۈش، سېلىشتۇرۇش، رەتلەش، پىششىقلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى كىتاب ئورگىناللىرىنى كىتاب شەكلىگە كىرگۈزۈپ، بىلىم قاتلىمى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى جەھەتتە تەربىيەلىنىشى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
      قىسقىسى، ھازىرقى زامان پەن - مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كەسىپتە پىشقان، كەسپىي ئەخلاقتا دۇرۇس مۇھەررىرلەر قوشۇنى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى بىلەن قىممىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تونۇتالايدۇ، ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن پائال رول ئوينىيالايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشالايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر