دۇنيا ئىقتىسادى مەيلى جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە بولسۇن ياكى يۈرگۈزۈلۈش مېخانىزمى جەھەتتە بولسۇن، تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى قىسىملىرى كۈنسېرى ئۆزئارا تايىنىدىغان ۋە بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدىگە ئايلانماقتا. يىپەك يولى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ، جۇڭگو، غەربىي ئاسىيا ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ قەدىمىي سودا يولىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىنى قۇرۇپ، رايونلار ئارا بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، باشقا ئىقتىسادىي بىرلەشمە گەۋدىلەرنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش جۇڭگو، رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، چۆچەك شەھىرى چېگرا ئەركىن سودا رايونى، ئالاتاغ چېگرا ئەركىن سودا رايونى، قورغاس چېگرا ئەركىن سودا رايونى قاتارلىق بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن سودا رايونلىرى قۇرۇلدى. مەزكۇر رايونلار ئېكسپورتقا پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۆتەڭ سودىسى، باجدىن خالىي ئىسكىلات قىلىنىش، قەرەللىك سودا ساياھىتى، ئەشيا ئوبوروت قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بىرىنچى، جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى
جۇڭگو - قازاقىستان چېگرىسىدا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرغاندا، ئىككى دۆلەت تۇتاشقان رايوننىڭ ئىقتىسادى سىجىل ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلالايدۇ.2003- يىلى 6 - ئايدا رەئىس خۇجىنتاۋ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ »جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئەركىن سودا رايونى« نى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.2003- يىلى 9 - ئايدا بېيجىڭدا ئىمزالانغان »شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر كۆپ تەرەپ سودىسى ھەمكارلىق ئاساسىي مەزمۇنى« دا شاڭخەي ھەمكارلىق ئەركىن سودا رايونىنى پەيدىنپەي قۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، سىناق نۇقتىسى قىلىش، بۇ ئارقىلىق رايون دائىرىسىدە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئۈچۈن، مول تەجرىبىلەرنى توپلاپ نەمۇنىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، تەشكىلاتقا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلار ئارا بىر گەۋدىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
چېگرىدىكى نۇقتىلىق چېگرا پورتلىرىدا دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى غەربىي دەرۋازا بولۇش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشى ۋە شىنجاڭ چېگرا رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى كېڭەيتىشىگە پايدىلىق ئىزدىنىشتۇر. بۇنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى كەڭ كۆلەمدە جەلپ قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى زور. ئۇندىن قالسا، ئالاتاغ چېگرا پورتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسىي فىرۇنتىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەشقەر ۋە ئالتاي قاتارلىق رايونلاردا يېڭى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قەشقەر قاتارلىق ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، چېگرا پورتى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تىجارەت سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قېلىپلاشقان، كۆلەملەشكەن، ساغلاملاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقىغا مۇھتاج
جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى، ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايونلار ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى دائىرىسىدىكى زور ئىشتۇر. جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق جۇغراپىيەلىك سىياسىيلىقى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتقاندا، جۇڭگو پائال پوزىتسىيەدە بولۇپ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.
جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تۈزۈلمىسىدە زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ مۇۋاپىق ھالدا يول قويۇپ، قازاقىستان تەرەپكە ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى ھەم تېگىشلىك نەپكە ئېرىشىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئادەتتىكى مەھسۇلاتلار چېگرا ئەركىن سودا رايونىنىڭ جۇڭگو قىسمىغا كىرگەندە ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە باشقا باجلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، سەزگۈر مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇناسىپ تاموژنا بېجى بېكىتىلىدۇ ياكى ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ.
جۇڭگو ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ئەركىن سودىسى سۆھبەت كومىتېتىنى تەشكىللىدى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بىلەن قازاقىستان سودا سانائەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. مەزكۇر سۆھبەت كومىتېتى جۇڭگو شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل قىلىندى ھەمدە 2004-2008- يىللىق سۆھبەت لايىھەسىنى تۈزدى. لايىھەدە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشى تەكلىپ قىلىندى. مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە مۇمكىنچىلىك لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان سودا سۆھبىتى كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قىلدى. بۇ لايىھەدە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىچكى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى قۇرۇش ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىدىن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋاسىتىلىق ھالقىنى ئازايتىش تەكلىپ قىلىندى. بۇنداق بولغاندا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەركىزىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قازاقىستان تەرەپ بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە تەڭ - باراۋەر كېڭىشىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا سودا رايونىنى قۇرۇش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چېگرا ئەركىن سودا رايونىنىڭ جۇڭگو تەرەپ چېگرا پورتلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا سودا رايونىنىڭ جۇڭگو قىسمى ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىنى ئاساس قىلغان يېڭى ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى ئىككىنچى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك پىششىقلاش - ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى، خەلقئارا ئايلىنىش مەركىزى، خەلقئارا تىرانزىت مەركىزى، خەلقئارا سېتىۋېلىش مەركىزى، خەلقئارا ئۆتەڭ سودىسى مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە ساياھەت مەركىزى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان خاس خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشان قىلىندى.
جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا سودا رايونىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تۆۋەندىكى فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باجدىن خالىي رايونى، ئېكسپورتقا پىششىقلاش رايونى، ئىسكىلات ماددىي ئەشيا رايونى، تاشيول ۋە تۆمۈريول تىرانسىپورت رايونى، سودا ئىشلىرى ئىشخانا رايونى ۋە ساياھەت رايونى قاتارلىقلار.
قىسقىسى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا سودا رايونى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، باشقۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي ۋە يۈرگۈزۈلۈشى قۇلايلىق بولغان ئەندىزىنى قوللىنىش زۆرۈر. بۇ قازاقىستان ۋە جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە دوستانە ئالاقىسىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 12 ياشلىق قىزنىڭ نۇمى...
سابىق مالىيە مىنىستىرى سامىر مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭلىسى بول...
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قەبىلىلەردە ‹خەتمە ›قىلىش سەۋەبىدىن 30ب...
ئىران ھۆكىمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توي قىلىشقا ئىل...
جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرى ئەسكەرلەر ئەمەلىي ...