يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، سودا سوممىسى يىلسېرى ئېشىپ باردى. لېكىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنىلا بىر قىسىم چەكلەش خاراكتېرىدىكى ئامىللار ساقلانماقتا.
بىرىنچى، تۈزۈلمە ۋە قانۇن - تۈزۈم ئىللىتى مەۋجۇت
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا يەنىلا بازار ئىگىلىكى خاراكتېرى ئۆزگىرىۋاتقان ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا ئۇلارنىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بېكىتىلمىگەن، قانۇن - تۈزۈملىرى ئۆزگىرىشچان ھەم مۇكەممەللەشمىگەن، تاشقى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى جەھەتتىمۇ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ۋە خەلقئارا رەسىم - قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلغاندا ئىختىيارىلىق مەۋجۇت، سودا ۋاسىتىلىرى قېلىپلاشمىغان، سودا يوللىرى راۋان ئەمەس، بۇلار جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ نورمال سودا پائالىيەتلىرىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. جۇڭگو ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان دەسلەپكى مەزگىلدە <<شەرقىي جەنۇبقا ئېتىبار بېرىپ غەربىي شىمالغا سەل قاراش>> تەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈرگۈزۈلگەچكە، غەربىي شىمالدىكى رايونلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرىداش بولغان شىنجاڭ يېتەرلىك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. نۆۋەتتە، گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىدە شىنجاڭنىڭ پەقەت »شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربتىن چىقىرىش« ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆتەڭ پونكىت بولۇپ قېلىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنى چەكلەپ تۇرماقتا.
ئىككىنچى، ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر قالاق
شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سودىسىدىكى ئاساسىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇل مۇئەسسەسەلىرى قالاق، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئەمەلىي كۈچى زور كارخانىلار مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ دۆلەتلەر ئارا ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى راۋانلاشقان بولۇپ، ئالاتاۋ، قورغاس، باقتۇ، جېمىنەي، تورغات قاتارلىق قۇرۇقلۇق چېگرا پورتلىرىنىڭ قاتنىشى بىرقەدەر قۇلايلىقلاشتى. ئەمما باشقا چېگرا پورتلىرىدا بولسا تاغ يولى خەتەرلىك، دېڭىز يۈزىدىن يۇقىرى بولغاچقا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يىلبويى چەكلىمىگە ئۇچراپ، توشۇش ھەققى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى بولدى. چېگرا پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارىدىن قارىغاندا، ئالاتاغ چېگرا پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى بارلىق چېگرا پورتلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي مال مىقدارىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئۆچىرەت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئەھۋال ماللارنىڭ تېزدىن ئوبوروت قىلىنىشىغا پايدىسىز. بۇندىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەملىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۆمۈريولىدا رېلىس ئارىلىقى 1520مىللىمېتىر، جۇڭگودا بولسا 1435 مىللىمېتىر، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن ياۋروئاسىيا تۆمۈريولىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە توشۇش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، سىياسەت جەھەتتە قوللاش يېتەرلىك ئەمەس
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودىنى قوللايدىغان سىياسەتلەر تولۇق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، چېگرا پورتلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغان، توشۇش جەريانىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىش ۋە كۈلرەڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەھۋاللىرى ئېغىر. مەسىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ چېگرا پورتلىرىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ ماللىرىغا قارىتا ھەقنى كۆپ ئېلىش، تالوننى ئاز كېسىپ بېرىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىق كۈلرەڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش چارىلىرى قوللىنىلىپ، جۇڭگو تەرەپ ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ تەننەرخى ئېشىپ بارماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ ئەرزان مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار كەسپىي ساھەلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگوغا قارىتا سودا توسۇقى قۇرماقتا. ئەڭ مۇھىمى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېنىك سانائەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مىللىي ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغاچقا، جۇڭگو يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشى كۈنسېرى قىيىنلاشماقتا. جۇڭگو تەرەپنى ئالساق، ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا سودىسىغا قويۇلغان چەكلىمە بىرقەدەر قاتتىق بولغاچقا، مال مىقدارى ۋە سودا كۆلىمى زورىيالمىدى. مانا مۇشۇنداق تۈزۈلمە ۋە قانۇن - تۈزۈم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سودىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
تۆتىنچى، ئىككى تەرەپنىڭ بالانسى چوڭىيىپ كەتتى
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىسى ئاساسەن دېگۈدەك ئاكتىپ بالانس بولۇپ، پەرق سوممىسى يىلسېرى چوڭىيىپ بارغان. بولۇپمۇ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودىسىدا تەتۈر پەرق كۆرۈلگەن. نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، سودا توسۇقى قۇرۇپ، جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كىرىشىنى چەكلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىگەن.
بەشىنچى، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى تالاشماقتا
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، نېفىت زاپىسىمۇ ئىنتايىن مول، »ئىككىنچى پارس قولتۇقى« دېگەن نامى بار. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەر تۈرلۈك پۇرسەت ۋە باھانەلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە. <<11 - سېنتەبىر>> ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەسكەر تۇرغۇزدى ھەمدە دىققەت ئېتىبارىنى بىخەتەرلىكتىن ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتتى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتىغا ئارىلاشتى. رۇسىيە 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزدى. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۈركچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ<<تۈركمەنىستان − بىزنىڭ ئورتاق ئائىلىمىز>> روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىران بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى. بۇ ئەھۋاللار جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.
قىسقىسى، جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشى، بىرقاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىلغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلىشى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە سودىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشى كېرەك.
3 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 12 ياشلىق قىزنىڭ نۇمى...
سابىق مالىيە مىنىستىرى سامىر مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭلىسى بول...
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قەبىلىلەردە ‹خەتمە ›قىلىش سەۋەبىدىن 30ب...
ئىران ھۆكىمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توي قىلىشقا ئىل...
جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرى ئەسكەرلەر ئەمەلىي ...