جىياڭشى ئۆلكىسىدە قارا جەمىيەت كىشىلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن چېپىشىش يۈز بەرگەن

02013-07-08 10:45:15   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   2013-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى تېلگىرامىغا ئاساسلانغاندا، جىياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرىدىكى شىشى كەنتى ۋاڭجىيابېي يېزىسىدا بىر ئېچىنىشلىق قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ۋاڭ خانىمنىڭ ئۆيىگە 20-30 قا يېقىن قۇلىدا پىچاق كۈتەرگەن ئەر ئۈسۈپ كىرگەن، ئادەم كۆرسىلا چاپقان، ئۈچ ئادەم يارلانغان. بۇ ۋەقەنىڭ باشتىن ئاخىرىغىچە بولغان كۆرىنىشىنى ئەتىراپتىكى بىر دېھقان يانفۇن ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىۋالغان. ساقچى تەرەپ يىتىپ كەلگەن چاغدا، نەق مەيداندا 5 تال ئورغاقسىمان پىچاق بار ئىكەن. شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ ۋەقەنى پەرەز قىلىپ بۇ ئىشنى شۇ يەرلىك تەرەقىيات سودىسى يەر تۆلىمىنى مەجبۇرىي تۆلىتىش ئىشى بىلەن مۇناسۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

   يەنە بىر نەپەر تورداشنىڭ ئاشكارلىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يەر تۆلىمىنى مەجبۇرىي تۆلىتىش، مۇھاكىمە بىلەن تۇلۇقلىمىنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. كەنىتتىكى كىشىلەر بىلەن ھىچ قانداق كېلىشىم تۈزمىگەن ئاساستا، تەرەقىيات سوىسى كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسەتكەن، ھەتتا قارا جەمىيەتنىڭ كىشىلىرىنى باشلاپ كىلىپ ئۆيلىرىگىچە مەجبۇرىي كىرگەن.