شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 28 – ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەينى ئەھۋالنى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا ئۆزى بىلگەنچە باھا بەرگەنلىكى ھەم جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە نازارىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ.
بىر مۇخبىر: يېقىندا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا قارىتىلغان كەمسىتىش قىلمىشى ۋە چەكلەش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىمۇ تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ‹‹قوش ئۆلچەم›› قوللانماسلىقىنى، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمنى ئەيىبلەپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.