ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ ئەزەربەيجاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىساد - سودا، قاتناش، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ھەمدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە يەر شارى مىقياسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئۆزبېكىستان ۋە ئەزەربەيجان ئىككى تەرەپ يەنە
«2015~2012 - يىللىق ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرى» ۋە «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق پىلانى»نى ئىمزالىدى.
مۇقىملىقنى قوغداش مەزگىلىدە تاماشا قىلغان باشلىق مەنسەپتىن...
بۇ يىلدىن باشلاپ پەرزەنتلەرنىڭ «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقل...
ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن جەلىپ قىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ ب...
نېگىريەدىكى بىر تۈرمە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىر...
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا بەدىنىدىكى بومبا مۇۋاپىقىيەتلىك ...