شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،جەن جىياڭلىي شەھىرىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆلىۋالغان بۇلۇپ ئۆلگۈچى يېزىپ قالدۇرغان باغاقچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى ۋە <مەن كەتتىم >دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى .
ئىگىلىنىشىچە ،ئۆلگۈچى لىيجۇۋ شەھىرى يىڭلى بازىرى تۇلۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ بۇيىل 19ياش ئىدى ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ياخشى ئىدى ،شۇ كۈنى ئۇ دادىسىنىڭ موتسىكىلىتىنى ئېلىپ بازارلىق مەكتەپكە بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان بۇلۇپ ،شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار بىئولوگىيە ۋە جۇغراپىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىمتاھانىنى بەرگەن ،ھەمدە بىرلىكتە ئىمتىھان تاماق يىگەن ،شۇنداقا ساۋاقدىشىغا <مەن سەل تۇرۇپ شەھەرگە بارىمەن >دىگەن ،ئەمما ساۋاقداشلار ئۇنىڭ بازاردىن 10 نەچچە كېلومىتىر يىراقلىقتىكى سەن يۈەندا دىگەن يەردە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5دە ئۇ سەنيۈەندا باغچىسىغا كېلىپ ئۆزى يالغۇز سەنيۈەندانىڭ 5-قەۋىتىگىچە ياماشقان ،ۋە كېيىن غۇلاپ چۈشكەن ،ئۇنىڭ قولىدا پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى ۋە <مەن كەتتىم >دىگەن خەت يېزىلغان قەغەز تۇراتتى .
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرمۇ ناھايىتى ھەيران بولغان چۈنكى بۇ ساۋاقداشنىڭ مىجەزى ئۇچۇق يۇرۇق بۇلۇپ،تۇرمۇشتىن ئۈمۈدسىزلەنگىدەك بىر ئىشمۇ بولمىغان ئىكەن .نۆۋەتتە بۇ دىلو تەكشۈرۈلمەكتە .