تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-نارات لىنىيەسىنى ئاچتى

0 2013-06-17 12:51:16   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   16-ئىيۇن سائەت 11:00  دە ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ E190 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 71 نەپەر يولۇچىنى ئېلىپ ، نارات ئايرودۇرۇمىغا قوندى ، بۇ ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن ناراتقان قاتنايدىغان لىنىيەنى ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ .

    ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچىدىن ناراتقا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 16-ئىيۇن تۇنجى نۆۋەت قاتنىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن كۈنىگە بىر قېتىم قاتنايدىكەن . ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن سائەت 10:00 دا يولغا چىقىپ ، سائەت 11:00 دە نارات ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن . سائەت 11:40 دە ناراتتىن يولغا چىقىپ ، سائەت 12:40 دا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدىكەن .

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博