19 ياشلىق ئوغۇل بالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن 15-قەۋەت بىنادىن ئۆزىنى ئېتىۋالغان

02013-06-17 10:45:07   ۋاڭيى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى تېلگىرامىغا ئاساسلانغاندا، دوڭبېي ئاخبارات تېلگىرامىسىدا، بىر 19 ياشلىق بالىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىپ بۇلۇپ ئۆزىنى 15 -قەۋەتتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۋالغانلىقى يېزىلغان.

   ئۇ بالا دادىسىغا قىسقىغىنە بولغان " مەن بىنادىن سەكرىۋالدىم" دېگەن خېتىدىن باشقا نەرسە قالدۇرۇپ قويمىغان.

  بۇ بالىنىڭ بۇ قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بېرىشى بولسا ئۈچۈنچى قېتىملىقى ئىكەن. ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئۇ نۇمۇر سىزىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئالىي مەكتەپنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. بۇ قېتىم ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى چىققىچە ساقلاپ تۇرالماي بۇ خىل چېكىگە يەتكەن قارارنى چىقارغان.

  ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر دالىيەن شەھىرى جىنجوۋ يېڭى رايۇننى ئىلغارلار كۇچىسىدىكى بىر ئائىلە ئولتۇراق رايۇندىكى 28 نۇمۇرلۇق بىنا 15 قەۋەتتىكى ياڭياڭنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان. دادىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئوغۇلىنىڭ بۇ خىل يولنى تاللىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. ئانىسى ئۆزىنى بېسىۋالالماي كۆز ياشلىرى قىلغان، ئۆزىنىڭ ئوغىلىنى چوڭ قىلىش جەريانىنى ئويلاپ تامچە-تامچە ياش تۆككەن.

  جاڭ خانىمنىڭ يەنى بۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە؛ ياڭياڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، ئىش ئۇقۇدىغان بالا ئىكەن. مىجەزى بولسا ئىچكى مىجەزەر ئىكەن. يۈرىكى كىچىك ئىكەن، ئەزەلدىن چاتاق تېرىمايدىكەن. 2011-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشقاندىن كېيىن پەقەت نەچچە نۇمۇر كەملىك سەۋەبى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتا بىر يىل ئۇقۇغان. ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان لېكىن يەنىلا ئوخشاش كۆڭلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن. ئالدىنقى يىلى قىشتا، ياڭ ياڭ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ 3-يىللىقنى قايتا ئۇقۇغان. ئۇ چاغدا ئۇ ھىچنېمە دېمەيدىكەن. چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئىچكى مىجەز ئىكەن. ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئانچە بەك دىققەت قىلىپ كەتمىگەن.

  دادىسىنىڭ دېيىشىچە؛ ياڭ ياڭنىڭ مىجەزى جاھىل بۇلۇپ، ھەر قېتىم ئىمتىھان بىرىپ ياخشى ياكى يامان بىرىشدىن قەتئىينەزەر جىم-جىم ئۆزىنى ئۆيىگە سۇلاپ ئولتۇرۋالىدىكەن، ئۆيىدىكىلىرى بىلەن پاراڭلاشمايدىكەن.

  بىر كۈنى، ياڭ ياڭنىڭ سىنىپ مەسئۇلى جوۋ ئەپەندىم ئاتا-ئانىسىغا تېلفۇن قىلغان بۇلۇپ، ياڭ ياڭنى قارىماققا ئانچە ياخشى ئەمەس دېگەن. سىنىپ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە " ئۇنىڭ كەيپىياتى ھەر كۈنى ياخشى ئەمەس ئىكەن، گەپمۇ قىلمايدىكەن ھەم كۈلمەيدىكەن، پەقەت جايىدا بېشىنى ئىچىگە سېلىپ ئولتۇرىدىكەن.

  دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياڭياڭنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

  ياڭ ياڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى دۇرىسىنى يىگەنلىكى ئۈچۈن دائىم ئۇخلاپ قېلىپ، دەرىسكە قاتنىشىشقا ئامالسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى مەكتەپتىن بىر نەچچە كۈن سوراپ ئارام ئالدۇرغان. لېكىن دەرىسلىرىدىن قالدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاتايىن ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن. ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ دېيىشىچە، ياڭ ياڭنىڭ كاللىسى ئىنتايىن بەك ئىشلەيدىكەن. دائىم مەسىلە ئىشلىسە ئىنتايىن ياخشى ئىشلەيدىكەن. لېكىن ئىچكى مىجەز ئىكەن.

   6 ئاينىڭ بېشىدا ياڭ ياڭ مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ ئاخىرقى قېتىمغىچە ئېلىشقان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جوۋ ئەپەندىم ياڭ ياڭدىن قانچىلىك نۇمۇر ئالالايدىغانلىقىنى سورىغان، ياڭ ياڭ 510 نۇمۇر دېگەن. دادىسى " ئۇ ئوغىلىنىڭ ئۇنداق كۆپ ئالالمايدىغانلىقىنى بىلەتىم پەقەت 510 نۇمۇر بولسا ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكى نۇمۇر ئىدى " دېگەن.

  ئىمتىھان بىرىشتىن بۇرۇن دادىسى ئوغىلىغا دورىسىنى ئىچكۈزمىگەن چۈنكى ئۇ ئوغىلىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدا ئۇخلاپ قېلىپ ياخشى بىرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرگەن. بۇ ئىش توغۇرلۇق ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغان. ئىمتىھان بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇ ياڭ ياڭنى كۈندە سۇ ئۈزگىلى، ۋاسكىتبول ئوينىغىلى ئېلىپ بارغان. ئىمتىھاندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ياڭ ياڭنىڭ يۈزلىرىدە كۈلكە پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەر - ئايال ئىككىسى ئوغىلىنىڭ كېسىلىنى ياخشى بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان.

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياڭ ياڭ ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ خىزمەت ئورنىغا بارغان، چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ياڭ ياڭ ئانىسىغا ئۆيىگە قايتىپ توپ مۇسابىقىسى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئىمتىھان بىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇدا توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشنى ياخشى كۈرىدىغان بۇلۇپ قالغان. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 12 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزمەت قىلىۋاتقان دادىسىغا 6 خەتلىك " مەن بىنادىن سەكرىۋالدىم " دېگەن ئۇچۇرىنى يازغان.

  جوۋ ئەپەندىم دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ، بىنانىڭ ئاستىدىكى تۇختۇتۇپ قويغان بولكىۋاي ماشنىسىنىڭ ئۈستىدە ئوغىلىنىڭ ياتقانلىقىنى، پۈتۈن جاينىڭ ئەينەك پارچىسى ۋە قان بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كەتكەن.

  ئانىسى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياڭ ياڭنىڭ بىنادىن سەكرىۋېلىشتىن بۇرۇن بىر ئۇرۇندۇققا چىقىپ ئاندىن سەكرىگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ ئۇرۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ياڭ ياڭنىڭ تېلفۇنى ۋە بىر تال باغاقچە بارلىقىنى كۆرگەن. باغاقچىگە " مەن ئاتا-ئانامىغا، جەمىيەتكە ئۆچ " دەپ يېزىلغان ئىكەن.

  خەلق ساقچىلىرى يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ياڭ ياڭنىڭ راسلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقى بىلگەن.