شىيامىندىكى BRT پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرالغۇسى ئاشكارلاندى

02013-06-14 11:13:32   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  2013- يىلى 6-ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن ، مۇخبىر شىيامىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىكى باش جىنايەت گۇماندارى چېن شۇيزۇڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، خوشنىلارنىڭ بايان قىلىشىچە ، چېن شۈيزۇڭ خوشنىدارچىلىقى يوق ئادەم دىگەن .

  مىكرو بىلوگدا تارقىلىپ يۈرگەن " چېنشۇيزۇڭ " بىلەن ئەمەلىيەتتىكى چېن شۈيزۇڭ ئىككى خىل ئادەم بولۇپ ، يەرلىك ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى مىكرو بىلوگدا دىيىلىگەنلىرى ئەمەلىيەت ئەمەس دىدى .

   خوشنىلارنىڭ ئىنكاسىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ خوشنىلىرى ئاۋاز چىقىرىشقىمۇ پېتىنالمايدىكەن .

  چېن شۇيزۇڭنىڭ ئۆيى شىيامىندىكى كونا شەھەر رايۇنىدا بولۇپ ، تار ھەم قاراڭغۇ بىر كوچىدا ، خوشنا كوچا بولسا داڭلىق سودا كوچىسى دەپ نام ئالغان سودا بازىرى كوچىسى .

  8- ئىيون چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ بۇ كوچىغا مۇخبىلار يىغىلىپ كەتتى . ئاخبارات ۋاستىلىرى جىنايەت گۇماندارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ، نەق مەيداندىن ۋەقە سادىر قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىسپات ماتىرياللارنى يىغدى . شۇ كۈندىن باشلاپ تار ھەم قاراڭغۇ بۇ كوچا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ساقچىلار بىلەن لىق تولدى .

چېن شۈيزۇڭنىڭ تۇققانلىرى مۇخبىرلارغا قارىتا ئىنتايىن قوپال مۇئامىلە بولدى ، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە " ئەمدى مەندىن سوئال سورىماڭلار، بۇ يەردە ئۇنداق ئادەم يوق ، مەن ھېچنىمىنى بىلمەيمەن . " دەپ جاۋاپ بەردى . چېن شۈيزۇڭنىڭ ھويلىسىنىڭ سىرتىدا يايما ئاچىدىغان بىر يايمىچى ئايال ، بارلىق مۇخبىرلار سىرتقا ئىتتىرىپ چىقىرۋەتتى .

  بىر ئادەمنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىشىچە ، ئىشىك سىرتىدا يايما ئاچىدىغان يايمىكەش ئايال دەل چېن شۈيزۇڭنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى بولۇپ . چېن شۈيزۇڭنىڭ يەنە بىر توققىنى بىر مۇخبىرغا قوپاللىق قىلغان . يەنە بىر تۇققىنى مۇخبىرغا قول تەككۈزگەن .

  ھويلا سىرتىدىكى خوشنىلارنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ كېتىپ ، مۇخبىرغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشتىن قورقۇپ قالغان . بىر خوشنىسىنىڭ دىيىشىچە ، چېن شۇيزۇڭنىڭ مىجەزى چۇس ھەم ئوسال بولۇپ ، دائىم باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ تۇرىدىكەن . بىر كۈندە 9 قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلغان . شۇڭا خوشنىلار ئۇنىڭدىن چۆچۈيدىغان بولۇپ قالغان .

يەنە بىر خوشنىسىنىڭ بايان قىلشىچە ،خوشنىلار چېن شۈيزۇڭدىن قورقۇپ ئۆزىىنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەم ئاۋاز چىقىرىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغان .

 جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاكىسى" ئۇكام ئۆيدىكىلەر بىلەن ئانچە قۇيۇق ئالاقە قىلمايدۇ ، بىراق مەن ئۇنى جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىمايمەن " دىدى    

   8 - ئىيون چۈشتىن كېيىن ، مۇخبىر شىيامىن جۇڭسەن يولى مەھەللە باشقارمىسىدىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ ، چېن شۇيزۇڭنىڭ 2- ئاكىسىنى چېن شىلۇڭنى كۆردى . ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى :" ئىنىم ئۆيدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە قويۇق ئەمەس ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ھويلىدا تۇرساقمۇ لېكىن ، ئۇنىڭ كۆپ ئۇچرايمايمەن " .

  چېن شىلۇڭ مۇنداق دىدى :" ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3-4 لەر بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئۇ قولىغا بىر خالتا ئېلىپ ۋېلىسپىتىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن " چېن شۇلۇڭ يەنە مۇنداق دىدى :" مەن ھازىرغىچە ئىنىمنىڭ جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن ، بۈگۈن ساقچىلار كەلگەندە مەن ئۇلارنىڭ تىللىدىم " دىدى .    

ھازىرىغىچە ، چېن شۇيزۇڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چېن شۈيزۇڭغا قارىتا ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىدى " بىر ھازىر ئۇنىڭ تىرىك ياكى ئۆلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز " دىدى . ۋەقەدىن كېيىن ، چېن ئائىلىسىدىكلەر ھەممىسى ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلدى . زىيارەت ئاخىرلاشقاندا ، چېن شىلۇڭ مەھەلە كومىتىتى خىزمەتچى خادىملىرىدىن 50 يۈەن قەرز ئېلىپ ، تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى ئالغاندا قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ چىقىپ كەتتى .