چارۋىلارنىڭ تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاشنى بىلەمسىز؟

0 2013-06-08 12:44:11   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. ئات بوغازلىق مەزگىلى 336 كۈن، تايلاش ۋاقتى: بوغاز بولغان ئاي سانىدىن 1 نى ئېلىۋېتىپ، كۈن سانىغا 1 نى قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن: 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بوغاز بولغان بولسا، كېيىنكى يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تايلايدۇ.
      2. ئېشەك بوغازلىق مەزگىلى 368 كۈن، تەخەيلەش ۋاقتى: ئاي سانى ئۆزگەرمەيدۇ، كۈن سانىغا 2 نى قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن: 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بوغاز بولغان بولسا، كېيىنكى يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تەخەيلەيدۇ.
      3. كالا بوغازلىق مەزگىلى 285 كۈن، موزايلاش ۋاقتى: بوغاز بولغان ئاي سانىدىن 3 نى ئېلىۋېتىپ، كۈنىگە 10نى قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن: 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بوغاز بولغان بولسا، كېيىنكى يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى موزايلايدۇ.
      4. قوي بوغازلىق مەزگىلى 150 كۈن، تۆللەش ۋاقتى: بوغاز بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
      5. ئۆچكە بوغازلىق مەزگىلى 152 كۈن، تۆللەش ۋاقتى: بوغاز بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
      6. ئۆي قۇشلىرى توخۇنىڭ تۇخۇم بېسىش ۋاقتى: 21 كۈن، ئۆردەكنىڭ28 كۈن، غازنىڭ تولۇق 1 ئاي.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر