ياپۇنيە ئافىرقىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن 300 مىليارد مەبلەغ سالماقچى بولغان

0 2013-05-31 11:40:43   163   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپۇنيە ئاگىنتىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدە توردا ئاشكارلىغان ئۇچۇرىدا، ئافىرىقىنى ئېچىش (TICAD) يىغىنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياپۇنيەنىڭ يوكوخوما رايۇنىدا ئېچىلىدىكەن.

  ئافىرقىدىكى 40 دۆلەت باشلىقلىرى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋەكىللىك قىلىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

  ياپۇنيەنىڭ باش ۋەزىرى ئەنبېي يېقىندا ئافىرقىغا ئۇمۇمىي مىقتارى 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئافىرقىنىڭ تەرەقىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 ياپۇنيەنىڭ تارقىتىش ئۇيۇشمىسى NHK تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپۇنيەنىڭ باش ۋەزىرى ئەنبېي بۇ يىلدىن باشلاپ 5 يىلغىچە، ئافىرقىغا ھۆكۈمەت تەرەقىيات ياردەم مەبلىغى بىلەن ھۆكۈمەت ئاھالىسى مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博