تۈركىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى قىلىچ 30-ئاپېرېل توكيو ھاكىمى جولانجىشۇنىڭ ئىستانبولنى ھاقارەيلەيدىغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنداق سۆز ئادىل بولمىغان شۇنداقلا كىشىنى ئازابلايدىغان سۆزدىن ئىبارەت.
قىلىچ شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېدى: توكيو ھاكىمى جۇلانجىشۇنىڭ سۆزىنى كىشىنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بىز باشقا نامزات شەھەرلەرنى تەنقىت قىلمايمىز. بىز ياپۇنىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ھۆرىمەت قىلىمىز.
نۆۋەتتە، ئىستانبول، توكيو ۋە مادېرىد شەھەرلىرى 2020-يىللىق ياز پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالىشىۋاتىدۇ. جۇلان جىشۇ يېقىندا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىردىنبىر ئورتاق نوقتىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدۇ، يەنە تەبىقىمۇ بار.
گەرچە جۇلان جىشۇ 30-ئاپرېل ئۆزىنىڭ سۆزىدىن ئىستانبول شەھىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سۆزى تۈركىيە پۇقرالىرىنى يەنىلا غەزەبلەندۈردى. تۈركىيە مۇلاھىزىچىسى ئورىخان چىڭگىس مۇنداق دېدى: جۇلان جىشۇنىڭ سۆزى دىننى كەمسىتكەنلىك. ئۇنىڭ سۆزى توكيونىڭ 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا يېتەرلىك. توكيو ھاكىمىنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى توكيوغا بەرمەسلىكى كېرەك.
جۇلان جىشۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياپۇنىيەنىڭ ئېغىر قېرلىشىش جەمئىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، زور مىقداردىكى ياشلار نوپۇسىغا ئىگە تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق. ئەگەر تۈركىيەلىكلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇشنى ئارزۇ قىلسا ئۇلار ياپۇنىيەنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىشى كېرەك. تۈركىيەدە ھەقىقەتەن كۆپ ياشلار بار، ئەمما ئۇلار بالدۇر ئۆلۈپ كەتسە ئۇنداقتا يەنە نېمە مەنىسى بولسۇن.
بەزى ئوبزورلاردا مۇنداق دېيىلدى: جۇلان جىشۇنىڭ مۇلاھىزىسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بەلگىلىمىسىنىڭ 14-ماددىسىغا خىلاپ، مەزكۈر بەلگىلىمىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى نامزات شەھەرلىرىنىڭ رەقىبلەرچە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن.
جۇلان جىشۇ كەچۈرۈم باياناتىدا مۇنداق دېگەن: مېنىڭ سۆزۈم ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلدى، مەن ئۇلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.