ھىندىستان پۇقرالىرى جۇڭگونىڭ قانۇنسىز چىگرادىن ئۈتۈش ھەركىتىگە قارىتا نامايىش ئېلىپ بارغان

0 2013-04-28 10:31:42   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    2013 -يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئاخبارات خەۋىرى: ھىندىستاندا بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇدا نامايىش قىلىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، بۇ پائالىيەت ئاساسلىقى جۇڭگو ساقچىلىرىنىڭ" ھىندىستانغا تاجاۋۇش قىلىپ كىرىش " ھەركىتىگە قارىتا قارىشى تۇرغانلىق ئىكەن.

  جۇڭگو ھىندىستان مۇناسۋىتىدە ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان چېگراسىدا تالاش-تارتىش قىلىش " چىگرا سىزىقىدىن ئېشىپ چارلاش " سەۋەبىدىن پەيدا بولغان جىددىيچىلىكىنى كۆرسىتىپ جۇڭگونى ئەيىپلىگەن، بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو تەرەپ " چىگرا ئاتلاپ قىلغان تەكشۈرۈش" ھەركىتىنى ئىنكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇناسۋەتلىك ئاپىراتلار ئارقىلىق ئارلىقتىكى مەسىلىنى دوستانە ھەل قىلىش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

   4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككى تەرەپ ئالدى-كەينى بۇلۇپ نۆۋەتلىشىپ سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بارغان، لېكىن ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان.بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقە بولسا ھىندىستان 1986-يىلدىن بۇيانقى چىگرا مەسلىسى ئەڭ جىددىي بولغان ۋاقىت ئىكەن.مۇشۇ سەۋەپتىن 4000 نەپەردەك ھىندىستان خەلقى كۇچىلاردا جۇڭگونىڭ بايرىقىنى كۈتۈرۋېلىپ نامايىش قىلغان ۋە جۇڭگو بايرىقىنىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆيدۈرۈپ، دەسەپ ئۆزىنىڭ قارىشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博