、 ھازىرقى زامان ئىشخانا ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىسمانىي چېنىقىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راۋان بولمايدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى غەيرىيلىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلدار بولۇشقا پايدىسىز بولىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشخانا ئاياللىرى ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بارىدىغانلار ئىككى بېكەت ئالدىن چۈشۈپ قېلىپ پىيادە مېڭىشى، بىناغا چىققاندا لىفىتقا چىقماي پەلەمپەي بىلەن مېڭىشى، تېلىۋىزوردا ئېلان چىققاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ بېرىشى، خىزمەت جەريانىدا ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەلۋەتتە ھەر ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەنتەربىيە چېنىقىشلىرىغا قاتناشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
شىنجاڭ جۇڭگو خەلقىئارالىق مەدىنيەت كەسپى كۆرگەزمە يىغىنى ش...
ئەنگلىيەدىكى جەزبىدار ئايال دوكتور چىرايلىق بولغاچقا ئىشسى...
ئىراندا ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ي...
ياپونىيەدىكى بىر شىركەت پۇراق چىقىرالايدىغان يانفون ئىشلەپ...
ئوبامانىڭ شەخسىي سىرى ،ئاياللارغا ئالاھىدە قىزغىن كۈلۈمسىر...