گۆش كالىسىنى ۋاقتىدا سويۇش يەم - خەشەك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. چارۋا ماللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، چارۋا ماللارنىڭ بىر ياشقا تولغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆسۈشى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولىدۇ؛ بىر ياشتىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىشى بارا - بارا ئاستىلايدۇ، بولۇپمۇ بىر يېرىم، ئىككى ياشتىن كېيىن تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ. ئادەتتە، چارۋا ماللار ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تۇغۇلۇپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى يىلىدىكىنىڭ %50 ىگە تەڭ بولىدۇ. ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپلا قالماستىن، يەنە گۆشىنىڭ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئىككى ياشتىن كېيىن گۆش قېتىشقا باشلايدۇ. شارۇلاي كالىسىنى مىسالغا ئالساق، ئېغىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئېشىشى تۇغۇلۇپ دەسلەپكى يېرىم يىلغىچە 1.18~1.10 كىلوگىرام، كېيىنكى يېرىم يىلدا1.05~0.90 كىلوگىرام بولىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېشى كىچىك گۆش كالىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلوگىرام ئېشىش ئۈچۈن كېتىدىغان يەم - خەشەكنىڭ مىقدارى يېشى چوڭراق كالىلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ. موزايغا كېيىنكى يېرىم مەزگىلدە ھەر 100 كىلوگىرام گۆش قوشۇلۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى يېرىم مەزگىلدىكىگە قارىغاندا پەقەت %18 ئارتۇق يەم - خەشەك سەرپ قىلىنىدۇ. بۇقا بىر يېرىم ياشقا تولغان كېيىنكى يېرىم مەزگىلدە ئالدىنقى يېرىم مەزگىلگە قارىغاندا %53 كۆپ يەم - خەشەك سەرپ قىلىنىدۇ، ئىككى ياشقا تولغاندا %42، ئۈچ ياشقا تولغاندا %69كۆپ يەم - خەشەك سەرپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن يەم - خەشەك ئومۇمىي سەرپىيات مىقدارى، مەبلەغ ئايلىنىش ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، يېشى كىچىكرەك كالىلارنى بېقىش چوڭ ياشتىكى كالىلارنى باققانغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە بوردىلىدىغان كالىلارنىڭ يېشى ئومۇميۈزلۈك چوڭ بولۇپ، ئاساسەن 5~3 ياشتىكى كالىلار باسقۇچلۇق بوردالماقتا. شۇڭا كالا باقمىچىلىقىدا مەبلەغ ئايلىنىش ئاستا بولۇپ، زور مىقداردىكى يەم - خەشەك ۋە ئادەم كۈچى ئىسراپ بولماقتا. گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلىمەكتە. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، گۆش كالىسىنىڭ سويۇلۇش يېشىنى ئىككى ياشقا قىسقارتسا، سىيىرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %45 كە، سويۇلۇش نىسبىتى %25 كە يېتىدۇ. ئەگەر گۆش كالىسىنىڭ سويۇلۇش يېشىنى بىر يېرىم ياشقا قىسقارتسا، سىيىرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %60 كە كۆتۈرۈلۈپ، سويۇلۇش نىسبىتى %40 تىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن گۆش كالىسىنى بېقىش مەزگىلىنى قىسقارتقاندا، كالىلارنىڭ سويۇلۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە سىيىرنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى، گۆش كالىسىنىڭ تاۋار قىممىتىنى ۋە كالا باقمىچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا موزاينى 6~4 ئايلىق بولغاندىلا سۈتتىن ئايرىپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرى يايلىتىشنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا يەم - خەشەكنى قوشۇمچە بېرىش، قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرى سۇلياۋ لاپاس بىلەن كالا قوتىنىنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاپ، ئوت - چۆپ ۋە يەم - خەشەكلەرنى تولۇقلاپ بېرىش، شۇنداقلا سەمرىتكۈچى دورىلارنى كۆمۈش قاتارلىق كالىلارنى بورداش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە ئىككىنچى يىلى كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرى قىش پەسلىنىڭ باشلىرى يەنى موزاي تۇغۇلۇپ بىر يېرىم ياشقا تولۇپ، ئېغىرلىقى 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولغاندا سويۇش بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كالا ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، بورداش ئۈچۈن يەم - خەشەك ئاز سەرپ قىلىنىدۇ، بېقىش تەننەرخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باسقۇچلۇق بوردىلىۋاتقان كالا 4~3 ئاي جىددىي بوردالغاندىن كېيىن، ئىككى ياش ئەتراپىدا ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرامغا يەتكەندە سويسا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سويۇلغان كالىنىڭ گۆشى مېزىلىك بولىدۇ.
شىنجاڭ جۇڭگو خەلقىئارالىق مەدىنيەت كەسپى كۆرگەزمە يىغىنى ش...
ئەنگلىيەدىكى جەزبىدار ئايال دوكتور چىرايلىق بولغاچقا ئىشسى...
ئىراندا ئاياللارنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ي...
ياپونىيەدىكى بىر شىركەت پۇراق چىقىرالايدىغان يانفون ئىشلەپ...
ئوبامانىڭ شەخسىي سىرى ،ئاياللارغا ئالاھىدە قىزغىن كۈلۈمسىر...