رۇسىيە 2030 - يىلىغىچە يادرو ئېلېكتىر ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ

1 2013-04-27 11:46:42   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      رۇسىيە دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭسەيى سىپاسكىي يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر رۇسىيەدە ئىشلىتىلىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن 10 ى بار بولۇپ، جەمئىي 33 يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئايلىنىپ ھەرىكەتلەنمەكتە. رۇسىيە 2020 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە يەنە 38 يۈرۈش يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. سىپاسكىي مۇنداق دېدى: رۇسىيە خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى. رۇسىيە نۆۋەتتە قۇرۇلىۋاتقان چەت ئەللەر بىلەن تۈزگەن تۈرلەردىن باشقا، يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە21 يۈرۈش يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىماقتا. رۇسىيە تەرەپ بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، مۇئەسسەسەلىرىنىمۇ يۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئاسراشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە يادرو يېقىلغۇسى تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر