ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنى 6-چېسلا رەسمىي باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ قارالما تەسىس قىلىشتىن تاكى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان ھەممە ھالقىسىدا «مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇش، دۇنياغا نەزەر تاشلاش» خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ ساھىبخان دۆلەت بولغان جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش، ئاسىيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا ئىزدىنىشتەك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
ھەمبەھىرلىنىڭ