نۆۋەتتە، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى باشقۇرۇش خىزمىتى »ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇغۇچى باشقۇرۇش« قا يۈزلىنىپ، ئەخلاق تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى نىشان قىلغانىكەن، چوقۇم ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تەربىيەنى كۈچەيتىش
ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەش ھەم مۇھىم يېتەكچى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ غايە تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش ھەم ئەدەپ - ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئۇلاردا ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
2. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش
ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇپ - تاشقان كۆيۈنۈش، دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ئىستىلى ۋە مۇۋاپىق بولغان كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، توغرا بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
3. ساغلام ئەخلاق تەربىيە مۇھىتىنى يارىتىش مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ساغلاملاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئىچى - سىرتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدىغان كەيپىيات مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.
ئومۇمەن، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشى، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
يانارتاغ پارتلىغاندىكى ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنىڭ يېقىندىن تار...
ۋاستىچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋاستە پۇلنى بەرمىدى دەپ ئۆي سېتىۋ...
روسىيەدە يالغان ئېيتىش بايرىمىنى تەبرىكلەپ قار تېيلىش مۇسا...
ئەنگلىيەدىكى مايمۇنلار بىلەن 5 يىل بىللە ياشىغان ئايال « تەي...
مالى ھۆكىمەت ئارمىيىسى ۋە ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى شىددەتلىك ئ...
تىيەنجىن دوختۇرخانىسىدا بىر ئەر 3 - قەۋەتتىن 1- قەۋەتكە چۈشۈپ ...
ئامېرىكىدىكى « يۈز » ئالماشتۇرۇش ئوپراتىسيىسى قىلدۇرغان ئە...
« 11- سىنتەبىر » تېرورلۇق ۋەقەسىدىكى 1000 ئارتۇق ئادەمنىڭ جەسىت...