جۈملە تۈزىتىش ئەسەر تۈزىتىش ھەققىدىكى مەخسۇس مەشىق بولۇپ، 7 - يىللىقنىڭ كېيىنكى مەۋسۈملۈك تىل - ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆتۈلىدۇ. بۇ دەرسنى ئۆتۈشتىن مەقسەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق پائالىيەتلىرىدە سۆز - جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ قوللىنىش ۋە ماقالە - ئەسەرلەردىكى خاتا سۆز - جۈملىلەرنى تۈزىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇلاردا سۆزلەرنى دەل جايىغا قوللىنالايدىغان، تىل بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قىسقا ۋە ئاددىي ماقالىلارنى يازالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شەرت - شارائىتىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللاندىم.
1. كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندىم
بۇ دەرسنى ھازىرقى زامان مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ياخشى ئۆتۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلانغاندا ئوقوغۇچىلارغا ھەقىقىي تەپەككۇر بوشلۇقى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجاتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ دەل جايىدا قوللىنىش ئىقتىدارىنىمۇ يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ تىل تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ، تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئانا تىلنى قەدىرلەش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، يازغان ماقالىلىرىدىكى ئورنىغا چۈشمىگەن، خاتا قوللىنىلغان سۆزلەرنى دادىللىق بىلەن تۈزىتىشكە يېتەكلەشتىمۇ رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن بىر سائەتلىك »جۈملە تۈزىتىش« دەرسىنى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈش جەريانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
مەن بۇ سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە گېزىت - ژۇرناللاردىن توپلانغان خاتا جۈملىلەرنى ئېكراندا كۆرسۈتۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا تۈزەتكۈزۈش ئارقىلىق دەرسخانا كەيپىياتىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردۈم. ئوقۇغۇچىلار بۇ جۈملىلەر ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىشتى، ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەش ئېلىپ باردىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بۇ جۈملىلەردىكى خاتالىقلارنى تېپىپ چىقتۇق ۋە تۈزەتتۇق.
1 - مىسال: »بۇيەردە باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئەر - ئاياللارنىڭ ئاياغلىرى سېتىلىدۇ.«
يۇقىرىقى جۈملىدە ئېنىقلىغۇچىنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ئالمىشىپ قېلىش سەۋەبلىك مەزمۇن خاتالىقى كۆرۈلگەن. بۇ جۈملىنى «بۇ يەردە ئەر - ئاياللارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياغلىرى سېتىلىدۇ» دەپ تۈزەتسە بولىدۇ.
2 - مىسال: «- خەلق دوختۇرخانىسى ۋىلايىتىمىزدىكى داڭلىق دوختۇرخانا.»
ئىككىنچى جۈملىدە خەلق دەرىجىگە تۇرغۇزۇلۇپ قالغان ساندىن ئىبارەت ئېنىقلىغۇچى ئورنىغا چۈشمىگەن. شۇڭا مەزمۇندا ئۇقۇم خاتالىقى يۈز بەرگەن.
يۇقىرىقى ئىككى مىسال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەرنى دەل جايىدا قوللىنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان مەزمۇن خاتالىقىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇلاردا تىل ئىشلىتىشتە ئەستايىدىل بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى بولغان تىل سۆزدىن تەركىپ تاپىدۇ. سۆز مۇئەييەن بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا نۇتۇق پائالىيەتلىرىدە ياكى ماقالە يىزىقچىلىقلىرىمىزدا سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى توغرا دەل جايىدا قوللىنىش، ماقالە تۈزەتكەندە مەزمۇن خاتالىقى بار - يوقلىقىغا، سۆزنىڭ توغرا قوللىنىلغان - قوللىنىلمىغانلىقىغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم.
2. نەزەرىيە بىلەن ئانالىز ۋە مەشقنى زىچ بىرلەشتۈردۈم
تېكىستتە بېرىلگەن مىساللار ۋە جۈملە تۈزىتىش نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، »ئويلاپ بېقىڭ ۋە ئىشلەپ بېقىڭ« دىكى مىساللارغا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، ئىجاتكارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدىغان سوئاللارنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىزىملىق كۆزقارىشىنى ھېسسىيات ۋە قىممەت قارىشىنى، پەيدىنپەي يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مىساللارنى ئوقۇغۇچىلارغا تۈزەتكۈزدۈم:
1) »ھەم پاكا ھەم سېمىز كەلگەن بىر پاينەك باش ماشىنىدىن چۈشۈپ دۈمچەك قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالچاڭلاپ ماڭغان پېتى زال ئىشكىدىن كىرىپ كەلدى.»
بۇ جۈملىنى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن دەرھال خاتا قوللىنىلغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقتى ۋە ئۇنى تۈزىتىپ چىقتى. بۇ مىسالدىكى »دۈمچەك« سۆزى بىلەن قورساقنى ئىپادىلەش توغرا بولمىغان. ئادەتتە غول سۆڭەكلىرى سىرتقا تومپىيىپ چىقىپ قالغانلار »دۈمچەك ياكى دوك« دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مىسال ئارقىلىق جۈملىلەرنى تۈزىتىشتە تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، ئىلمىي ئاساس بولۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ.
2) «بوۋاي قاردەك ئاقارغان ساقاللىرىنى، كۆپ قورۇقلار چۈشكەن مويسىپىت يۈزلىرىنى سىلاپ قويدى«.
بۇ مىسالدا مويسىپىت سۆزىمۇ مەنىسىنى بىلمەي قولانغان سۆزلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇ سۆز «موي»ھەم «سىپىت»سۆزلىرىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «موي» تۈك، يۇڭ مەنىسىنى، سىپىت بولسا ئاق دىگەن مەنىدىكى سۆز. ئىككى سۆز بىرىكىپ ئاق چاچلىق، ساقال - بۇرتى ئاقارغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان، پەقەت ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشكىلا ئىشلىتىدىغان سۆز بولۇپ، ئادەتتە »ھۆرمەتكە سازاۋەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز بىلەن چىراينى سۈپەتلەش توغرا ئەمەس.
3) ئۇزۇن ئۆتمەي توختىخان ھەدە بىر لىگەن كىپەكنى كۆتۈرۈپ چىقتى - دە، ھەلەپكە سەپتى، بوۋاي ھەلەپنى بىرقانچە قېتىم ئېلىشتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئاق قاشقا ئالدىغا قويدى.
بۇ مىسالداھەلەپسۆزى توغرا ئىشلىتىلمىگەن. »ھەلەپ« دېگىنىمىز يۇيۇپ تازىلانغان سامانغا كىپەك ياكى قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ھايۋانلار يېمىكى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۈملە تۈزىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنى توغرا شەرھىلىيەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
يۇقىرىقى بىرقانچە جۈملىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ سائەتلىك دەرسكە نىسبەتەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئىگىلەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، سۆز ئىشلىتىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
3. رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىش مەشقىنى ئىشلەتكۈزدۈم
يۇقىرىقى بىرقاتار مەزمۇن ۋە مەشىقلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكراندا قارىغاي بىلەن قاپلانغان تاغ مەنزىرىسى تاغ باغرىدا ئاتقا مىنىپ قوي بېقىۋاتقان چارۋىچى ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتنى كۆرسىتىپ بىر پارچە تەسۋىر يېزىش تەلىپىنى قويدۇم.
تۆۋەندە بېرىلگىنى ئوقۇغۇچىلار رەسىمگە قاراپ يازغان ماقالە:
يىراقتىن قارىساڭ گويا جاھاننىڭ جىمى گۈزەللىكى، خاتىرجەملىكى، باياشاتلىقى مۇجەسسەملەنگەندەك، ياپيېشىل قارىغايلار باغاشلاپ ياتقان بەھەيۋەت تاغ.
تەبىئەت ئانا ئاتا قىلغان بۇ جەننەت كەبى ماكاندا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ھايات كارتىنىسى ئۆزەڭنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، جىسمىڭدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋاتقان تەپەككۇر تۇلپارىنى قاناتلاندۇرۇپ قەلب قەسىرىڭنىڭ چاڭقاق چۇقانلىرىنى ئىزھار قىلىشقا ھازىرلانغان شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك ساپ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك قىزغىنلىقى، ماسلىشىشى ئاساسىدا بۇ سائەتلىك دەرسنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردۇم. 4. خۇلاسە
جۈملە تۈزىتىش ماھارىتىنى ياخشى ئىگىلەش بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا جۈملە تۈزەتكەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى نۇقتىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
1. جۈملە ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
2. جۈملە راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى، مەزمۇن تولۇق ئىپادىلىنىشى كېرەك.
3. سۆز - جۈملىلەر مىللىتىمىزنىڭ سۆز ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
4. جۈملە قۇرۇلمىسىدا كەمتۈكلۈكنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
5. مەزمۇننى ئىپادىلەشنىڭ ئىخچام بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۈملە قانچە قىسقا بولسا ئوي - پىكىر شۇنچە چۈشىنىشلىك بولىدۇ، نۇقسان ئاز كۆرۈلىدۇ.
يانارتاغ پارتلىغاندىكى ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنىڭ يېقىندىن تار...
ۋاستىچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋاستە پۇلنى بەرمىدى دەپ ئۆي سېتىۋ...
روسىيەدە يالغان ئېيتىش بايرىمىنى تەبرىكلەپ قار تېيلىش مۇسا...
ئەنگلىيەدىكى مايمۇنلار بىلەن 5 يىل بىللە ياشىغان ئايال « تەي...
مالى ھۆكىمەت ئارمىيىسى ۋە ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى شىددەتلىك ئ...
تىيەنجىن دوختۇرخانىسىدا بىر ئەر 3 - قەۋەتتىن 1- قەۋەتكە چۈشۈپ ...
ئامېرىكىدىكى « يۈز » ئالماشتۇرۇش ئوپراتىسيىسى قىلدۇرغان ئە...
« 11- سىنتەبىر » تېرورلۇق ۋەقەسىدىكى 1000 ئارتۇق ئادەمنىڭ جەسىت...