ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە ، ئالدىنىقى يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر ئالاھىدە خادىمى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ چىكاگودىكى شەخسى تۇرالغۇسىنى قوغداۋاتقان چاغدا ، بىر ئەر ئۇ ئالاھىدە خادىمغا تۈكۈرۋەتكەن ، ھەمدە ئالاھىدە خادىمنى قاتتىق ئۇرغان . بۇ ئەرنىڭ ئىسمى كايۋىن . لاۋرىنىس بولۇپ ، ۋەقە سادىر قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تۇتۇلغان .
ئامېرىكا ساقچى تەرەپنىڭ ماتىريالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى ، 46 ياشقا كىرگەن لاۋرىنىس ئالاھىدە خادىم ئولتۇرغان ساقچى ماشىنىغا قارىتىپ تۈكۈرگەن ، ھەمدە ئالاھىدە خادىمغا يۈزىگە ۋە بوينىغا مۇشت بىلەن سالغان .
2013- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى ، لاۋرىنىس ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى ، بۇ لاۋرىنىسنىڭ ۋەقە سادىر قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قانۇن تورىغا چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
ئوبامانىڭ چىكاگودىكى شەخسى تۇرالغۇسىنى 24 سائەت ئالاھىدە خادىم قوغدايدىكەن ، ئوبامانىڭ خوشنىلىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، ئوباما ئۆيىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە خادىملارغا ئىنتايىن دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن .
ئوباما بۇ شەخسى تۇرالغۇسىغا 2012- يىلى 6- ئايدا بىر قېتىم قايتىپ باققان بولۇپ ، بۇ قېتىم ئۇ بىر مەيدان ئىئانە توپلاش يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن . بۇنىڭدىن بۇرۇن 2011- يىلى 4- ئايدا ئوباما بۇ تۇرالغۇسىدا بىر ئاخشام قونغان .
ئوبامانىڭ شەخسى تۇرالغۇسىنى قوغدايدىغان خادىمنىڭ يۈزىگە تۈ...
يۈننەندىكى تاغ گۈمۈرلۈش ۋەقەسىدىكى نەق مەيداندىن 44 جەسەت تې...
ئاۋېستىرالىيەنىڭ دېڭىز بۇيغاقىزىل رەڭلىك قۇم بۇران ھۇجۇم ق...
22ياشلىق برازىلىيەلىك مودېل گۇاڭجۇدا بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆ...
ئارگېنتىنادىكى ياغاچچى بالىنىڭ يۇركىگە مىغ كىرىپ كېتىپ جىد...
"جەنۇب تەرەپتىكى ياۋايى ھايۋان"فېلىمىدىكى كىچىك چولپان ئوسك...
سەئودى ئەرەبىستان پادىشاھى 30 نەپەر ئايالنى پارلامېنىت ئەزا...