ياپونىيە يېڭى مۇھاجىرلار ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ياپونىيە ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋىتىپتۇ ، تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىپ بېرىۋىتىپتۇ . يېقىندا ياپونىيەدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، % 70 تىن ئارتۇق ياپونىيەلىك كۈچلۈك خاتىرجەم بولالماسلىق تۇيغۇسىدا ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئەندىشە قىلىش تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك ئىكەن ، ئاھالىلەرنىڭ قېرىغاندىكى كۈتۈنۈش پۇلى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى يەر تەۋرەش ، دېڭىز شاۋقۇنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە بولغان ئەندىشىسىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن .
يېقىندا ، ياپونىيە Secom شىركىتى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، كۈچلۈك ئەندىشە ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئاھالە % 70 تىن ئارتۇقنى ئىگىلەيدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئەندىشە قىلىش تۇيغۇسى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يۈزلىنىشىدە ئىكەن . بۇ تەكشۈرۈش 8-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، 500 دىن ئارتۇق 20 ياشتىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر تەكشۈرۈش ئوبېيكتى قىلىنغان .
تەكشۈرۈشتە ، <يېقىندىن بېرى كۈچلۈك خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلىۋاتامسىز؟> دېگەن سوئالغا نىسبەتەن ، % 26.6 تىن ئارتۇق تەكشۈرۈلگۈچى <روشەن ھېس قىلىۋاتىمەن>دەپ ، % 45.8 تىن تەكشۈرۈلگۈچى <ھېس قىلىۋاتىمەن> دەپ جاۋاپ بەرگەن، بۇ ئىككىسىنىڭ يىغىندىسى % 72.4 بولغان. ياش باسقۇچى بويىچە ئالغاندا ، مۇشۇنداق جاۋاپ بەرگەنلەر 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان تەكشۈرۈش ئوبېيكتى ئىچىدە % 83 نى ، 30 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە % 76 نى ، 50 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە بولسا % 72 نى ئىگىلىگەن .
تەكشۈرۈش ئوبېيكتلىرىنىڭ جاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىش سەۋەبى ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى <ياشانغاندىكى تۇرمۇش ۋە ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش پۇلى>(% 38.1) ئىكەن ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى بولسا <ساغلاملىق>(% 25.7)، <يەر تەۋرەش> (% 8)، <بىنورمال ھاۋارايى ئەھۋالى> (% 6.6) قاتارلىقلار ئىكەن . تەبىئىي ئاپەت ۋە بىنورمال ھاۋارايى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا ياشانغاندا قانداق قېلىمىز دەيدىغان مەسىلە ئاھالىلەرنى تېخىمۇ بەكرەك ئەندىشىگە سالىدىكەن .
بىكخامنىڭ 10 ياشلىق ئوغلى بەدىنىگە دادىسىغا ئوخشاش گۈل چەكتۈ...
پاكىستاندىكى 14ياشلىق بالىلار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ق...
2012-يىللىق بيېجىڭ كەسپى تاشيول ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىق...
شىنجاڭ قەشقەردىكى مىڭ يىللىق تارىخفا ئىگە قەدىمىي كوچا -ئۆس...
ئاشىق-مەشۇقلار مارافونچە يۈگرۈپ تويىنى تاماملىغان ،32كىلومى...
كورىيىدە 80مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن <جىياڭنەن Style>ناخشا كېچىل...
ئامېرىكىدىكى 800 كىلوگىراملىق كاۋا« ئەڭ ئېغىر كاۋا »بولۇپ با...