بىرىنچى، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش
1. تولۇق تەركىبلىك يەم بېرىپ، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋىتامىن D، سىنك سۇلفات ۋە مېتىئونىن (蛋酸氨) قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك.
2.ئارىسىغا يىغىلىپ قالغان مەينەت نەرسىلەرنى پاكىز تازىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
3. تۇياقنىڭ زىيادە قۇرغاقلىشىپ كېتىشى ۋە نەم تارتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
4. تۇياققا ياغ )پۇرچاق يېغى، چىگىت يېغى، ئاپتاپپەرەس يېغى قاتارلىقلار( نى سۈرۈش كېرەك. ياغنى تۇياق ئاستى ۋە ئۆكچىسىگە كۆپرەك، تۇياق تاجى ۋە تۇياق دىۋارىغا ئازراق سۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ تۇياق ئاستى قىسمىدىكى ئىششىغان ئورۇن ۋە تۇياق ئۆكچىسىگە كۆپرەك سۈرۈش كېرەك.
5. تۇياقنى دورا بىلەن يۇيۇش كېرەك. شارائىت يار بەرسە، تۇياقنى دائىم دورا بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۇ بىلەن يۇيغانغا قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە %5 لىك فورمالىن (福尔马林) سۇيۇقلۇقى بىلەن ھەر 10 كۈندە 1 قېتىم يۇيۇش كېرەك.
ئىككىنچى، قەرەللىك ھالدا تۇياق ياساپ تۇرۇش
تۇياق كېسىلى كالىلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم تۇياق ياساپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدا ئاۋۋال پىچاق بىلەن تۇياقنىڭ تومپىيىپ چىققان قىسمىنى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن مۈڭگۈزسىمان ماددىنى قىرىپ ئېلىۋېتىپ، تۇياق دىۋارىنى ياساش، بولۇپمۇ تۇياق ئورنىنى توغرىلاش كېرەك. ئەگەر تۇياق زەخىملەنسە، ئىچىگە كىرىۋالغان نەرسىلەر، يىرىڭ ۋە نىكروزلانغان توقۇلمىلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، زەخىملەنگەن ئورۇننى %0.1 لىك مارگانسوپ ياكى 1:1500 نىسبەتلىك فورمالىن سۇيۇقلۇقى بىلەن پاكلاپ، كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى، مەسىلەن خىلورومىتسىن (氯霉素)، تېتراتسىكلىن (四环素) قاتارلىقلارنى ئۇدا 4-5 كۈن پۈركۈسە بولىدۇ.
ئۈچىنچى، كالا ياتىدىغان ئورۇننىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش
1. كالا سۇپىسىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدىغان، يۇمشاق، ئاسان بۇزۇلمايدىغان بولۇشى كېرەك. توپىدىن قوپۇرۇلغان كالا سۇپىسىنى ئىشلەتسە بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ. كونكرېت ياساش ئۇسۇلى مۇنداق: يەرنى تەكشىلەپ، بىر قەۋەت قۇم ياكى خىش پارچىسى قويۇپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت لاي ياتقۇزۇپ ياسىلىدۇ.
2. كالا سۇپىسى مەلۇم دەرىجىدە يانتۇ بولۇشى كېرەك. يەنى ئالدى پەس، كەينى ئېگىز بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا سۈيدۈك ۋە تېزەكلەرنى چىقىرىشقا قۇلايلىق بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈركى، سۇپىنىڭ پاكىز ۋە قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3. كالا سۇپىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئادەتتىكى كالا سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 160-180cm، كەڭلىكى 110-120cm بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. قوتاننى پاكىز ۋە قۇرغاق ساقلاش، سۇ ۋە تېزەك يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ