ئادەتتە، باقمىچىلار كالا موزايلىغاندىن كېيىن موزاينى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، كالا بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۈت كالىسىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى، سۈت ئىشلەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، باقمىچى ئائىلىلەر سۈت كالىسى موزايلاشنىڭ ئالدى - كەينىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. موزايلاش ئالدىدا كالىنىڭ ساغرا قىسمى، جىنسىي ئەزاسى ۋە يېلىنىنى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن دېزىنفېكسىيەلەپ، قۇيرۇقىنى داكا بىلەن بىر تەرەپكە باغلاپ قويۇش ۋە ئېغىلنى قۇرۇقداپ، تېگىگە پاكىز، يۇمشاق ئوت - چۆپلەرنى سېلىپ، تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
2. كالا موزايلىغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، قان كۆپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. سۈت كالىلىرىنىڭ بالىياتقۇسى چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 15 مىنۇت ئاستا ماڭدۇرۇپ، ئاندىن تەدرىجىي ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئەگەر موزايلاپ 24 سائەت ئىچىدە ھەمرىيى چۈشمىسە، دەرھال تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ھەمرىيى چۈشكەندىن كېيىن چىللە خۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا دىققەت قىلىپ، چىللە خۇنى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
3. كالا موزايلاپ يېرىم سائەتتىن 1 سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغان تۇز سۈيى -كېپەك 1.5-2kg، ئاش تۇزى 100-150g بېرىش كېرەك. بۇنىڭ كالا تېنىدىكى سۇنى تولۇقلاپ، قورساق بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەمرىيىنى چۈشۈرۈشكە پايدىسى بار.
4. كالا موزايلىغاندىن كېيىنكى نەچچە كۈندە ئەگەر يېلىنىدا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلسە، سۈتنىڭ ھەممىسىنى سېغىپ چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، يېلىننىڭ ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەپ، قاندىكى كالتسىي ۋە قان قەنتى كۆپ مىقداردا چىقىپ كېتىپ، يېلىن سۇلۇق ئىششىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، سۈت كالىسىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى، ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە كالا موزايلىغان بىرىنچى كۈنى 2kg ئەتراپىدا سۈت ساغسا بولىدۇ، ئىككىنچى كۈنى 1/3 قىسمىنى، ئۈچىنچى كۈنى 1/2
5. كالا موزايلىغاندىن كېيىن، گۈلبوغۇنغا ئىلمان شېكەر سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ 500g گۇلبوغۇننى، 10kg سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن 500g قارا شېكەر قوشۇپ تەييارلىنىدۇ، كۈندە 1-2 قېتىمدىن ئۇدا 2~3 كۈن مۇۋاپىق مىقداردا بەرسە، چىللە خۇنىنى پاكىز چىقىرىش ۋە موزايلىغاندىن كېيىنكى بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
ھەمبەھىرلىنىڭ