كۆكتات يوپۇرمىقىنى پۇتاش مىقدارىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

0 2012-09-28 12:31:55   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      كۆكتات يوپۇرمىقىنى پۇتاشتا ئالدىنقى مەزگىلدە ئاز پۇتاپ كۆپ قالدۇرۇش، يېتىلگەن تۈپلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق پۇتاش پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.
      كۆكتات مايسا مەزگىلىدە يوپۇرماق سانىنى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلىش، قېرى يوپۇرماقلارنىلا پۇتىۋېتىش كېرەك. بۇ مەزگىلدە يوپۇرماقنى خالىغانچە پۇتىسا، بويىغا ئۆسۈپ كېتىش، يىلتىز تارتماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. لېكىن، ئۇچىنى ياندۇرغان، شېخىنى پۇتىغان، شېخىنى رەتلىگەندە بىر قىسىم يوپۇرمىقىنى پۇتىۋەتمىسە بولمايدۇ.
      1. ئالدىنقى مەزگىلدە ئاز پۇتاپ، كۆپ قالدۇرۇش: يوپۇرمىقىنى بىرلا قېتىمدا بەك كۆپ پۇتىۋەتسە، يىلتىزىغا زەخىم يېتىش، ئۆسۈشى ئاجىزلاشتىن باشقا، يەنە مېۋىسىنى كۈن چېقىۋېتىش، غەيرىي شەكىللىك مېۋە چۈشۈش، يوپۇرمىقى تۈرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يوپۇرماق، مېۋە نىسبىتى تۆۋەنلەپ، فوتوسىنتېز ھاسىلاتلىرى يېتىشمەي، مېۋە يوغىنىماسلىق، پورلىشىش، ئۇچلۇق بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ. يوپۇرماقنى كۆپ پۇتىۋەتسە، تۈپلەرنىڭ ئاستى - ئۈستىنىڭ ئۆسۈشى تەڭپۇڭ بولمايدۇ، سۇنىڭ پارلىنىشى تۇيۇقسىز ئازلىغاچقا، شوخلا قاتارلىقلاردا دائىم يوپۇرمىقى تۈرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، يوپۇرماقنى پۇتاش مەقسىتى ئېنىق بولۇش، مۇۋاپىق مىقداردا پۇتاش، پۇتىمىسىمۇ بولىدىغان بولسا، پۇتىماسلىق، غولپىياز، كۈدە قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق ئېلىۋەكەندىن باشقا، يوپۇرماقنى پۇتاشنى كۆكتات ئۆستۈرۈشتىكى زۆرۈر تەدبىر، دەپ قارىماسلىق كېرەك.
      2.يېتىلگەن تۈپلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق پۇتاش: بەزىدە قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېتىلگەن تۈپلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق پۇتىسا بولىدۇ. ئۇچى يوق تەرخەمەك تۈپلىرىگە بور ئوغۇتى پۈركۈگەندىن باشقا، بىر قىسىم چوڭ يوپۇرمىقىنى پۇتاپ، يېڭى ئۇچ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇچى يوقلۇق ئاساسىي زىددىيەت بولغاچقا، يېڭى ئۇچ چىقىرىش ئۈچۈن بىرنەچچە تال يوپۇرماقنى پۇتىۋەتسە بولىدۇ. سەي پۇرچاقنى بىر قېتىم يىغىۋالغاندىن كېيىن 4 قىسىم قېرى يوپۇرماقنى پۇتىۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ شاخلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى شاخ چىققاندا يېڭىدىن چېچەكلەپ چاناقلايدۇ. پارنىك تەرخىمىكىنىڭ پېلىكى مەلۇم مەزگىلدە بىر قېتىم تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاستى قىسىمدىكى يوپۇرماقلار يەرگە يىغىلىپ قالىدۇ. بەك كۆپ يىغىلىپ قالسا پايدىسىز، شۇڭا ئاستىن يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق پۇتاپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. مۇچ تۈپى يېتىلگەندىن كېيىن ئاساسىي غول (يان شېخىنىڭ تۆۋىنىدىكى) يوپۇرماق ۋە بىخلارنى پۇتاش، لېكىن بەك بالدۇر پۇتىماسلىق كېرەك. بەزى دېھقانلار مۇچ تاجىنىڭ دىيامېتىرى 20cm غا يەتمەي تۇرۇپلا ئاساسىي غولدىكى يوپۇرماق، بىخلارنى بىر قېتىمدىلا پۇتىۋېتىدۇ، بۇ ئۆسۈشكە پايدىسىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر