يىلتىزى زەخىملەنگەن كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى

0 2012-09-28 12:30:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. يىلتىزنىڭ ئۈسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
      كۆكتاتنىڭ يىلتىزى زەخىملەنسە، ئاۋۋال يىلتىز سىستېمىسىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېڭى يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا قاراپ ئوخشىمىغان تەدبىر قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر، ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن يىلتىز كۆيۈش كېلىپ چىققان بولسا، ۋاقتىدا سۇغىرىپ، ئوغۇتنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆپ سۇغىرىشتىن يىلتىز سېسىغان بولسا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ ھەمدە چاغلاپ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلاش لازىم.
      ئۇنىڭدىن باشقا، بىيو - باكتېرىيە ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاپ، يىلتىز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلاش كېرەك. يىلتىز ئېغىر زەخىملەنگەن بولسا ھەمدە ئۇزۇنغىچە يېڭى يىلتىز ئۆسمىسە، گېنجيا (根佳) ياكى گېندودو (根多多) نى يىلتىزغا قۇيۇپ، يېڭى يىلتىز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
      2. يوپۇرمىقىنى ئاسراش
      يىلتىز يوپۇرماقنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا تايىنىدۇ، يوپۇرماقنى ئاسرىسا، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال يوپۇرماق قىسمىنىڭ كېسەل زىيىنىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ يىلتىز سىستېمىسى زەخىملەنگەن، ئۆسۈشى ئاجىزراق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. شۇڭا، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكىنى كونترول قىلىش ۋە داكونىل (بەيجۈنچىڭ )白菌清، سىترېپتومىتسىن (ليەنمېيسۇ )链霉素 قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
      ئۇنىڭدىن باشقا، يوپۇرماققا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر، ئېلېمېنت كەملىك ئالامىتى كۆرۈلسە، يوپۇرماق يۈزىگە %50 لىك كالىي دى ھىدرو فوسفات (لىنسۇەن ئېرچىڭجيا )磷酸二氢钾 ۋە ئوزۇقلۇق تۈرىدىكى فاڭرۇن (芳润) يوپۇرماق ئوغۇتىنى پۈركۈسە بولىدۇ، مول ھوسۇل ئەيدوشوۋ ۋە يۈندا - 120  نى پۈركۈپ ئوغۇتلىسىمۇ بولىدۇ.
      3. مېۋىسىنى شالاڭلىتىش
      يىلتىز سىستېمىسى زەخىملەنسە، مىنېرال ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تۆۋەنلەپ، يوپۇرماقنىڭ ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئازىيىپ كېتىدۇ. تۈپنىڭ ئۆسۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چېچەك ۋە مېۋىسىنى مۇۋاپىق شالاڭلىتىش، كېسەللەنگەن، قېرى يوپۇرماقلارنى پۇتاش ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق خورىشىنى ئازايتىپ، يوپۇرماقنى ئاسراپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر