قوغۇن - قاپاق، پۇرچاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا قارا سۇلياۋ يوپۇق ياپسا مەھسۇلاتى ئاشىدۇ

0 2012-09-28 12:29:06   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قوغۇن - قاپاق، پۇرچاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى تېرىغاندا قارا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەتسە، سۇ، ئوغۇت ساقلاش ۋە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش رولى ئاق سۇلياۋ يوپۇققا قارىغاندا ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى.
      ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك. يەرگە قارا سۇلياۋ يوپۇق ياپسا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى مۇقىم ھالەتتە تۇرغاچقا، ئورگانىك ماددىلارمۇ نورمال ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئۆلچەشتە كۆرسىتىلىشىچە، قارا سۇلياۋ يوپۇق يېپىلغان زىرائەتلەرنىڭ تۇپراقتىكى ئازوت، ئورگانىك ماددا، تېز ئۈنۈملۈك كالىي، ئىشقاردا ھىدرولىزلىنىدىغان ئازوت قاتارلىق ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچلىرى ئاق سۇلياۋ يوپۇق ياپقانغا قارىغاندا %17.4-%2 ئاشقان.
      سۇ ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى. تەجرىبە نەتىجىسىدىن ئېنىقلىنىشىچە، قارا سۇلياۋ يوپۇق ياپقاندىن كېيىنكى يەرنىڭ 5cm تۆۋىنىدىكى سۇنىڭ مىقدارى مەيلى ياپقاندىن كېيىنكى 2 كۈن ياكى 35 كۈندىن كېيىن بولسۇن، ھەممىسىدىلا ئاق سۇلياۋ يوپۇققا قارىغاندا %10-%4 يۇقىرى بولىدىكەن.
      ئەكس تەسىرى ئاز. قارا سۇلياۋ يوپۇقنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن، رادىياتسىيە ئىسسىقلىقىنى ئۆتكۈزۈشى ئاز بولىدۇ، شۇڭا تۇپراققا ياپقاندىن كېيىن تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنىڭ كۈندىلىك ئۆزگىرىشى كىچىك بولىدۇ. ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئېنىقلىنىشىچە، قارا سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كۈچەيگەن مەزگىلىدە تۇپراق تېمېپراتۇرىسى ئاق سۇلياۋ يوپۇق يېپىلغان تۇپراققا سېلىشتۇرغاندا 3-1 تۆۋەن بولىدىكەن. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى تۆۋەن بولسا، زىرائەتلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ تۇپراق تېمپېراتۇرىسىغا تەلىپى كۈچلۈك بولمىغان شوخلا، يېسسىمۇق )سەي پۇرچاق(، قاپاق مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق.
      مەھسۇلاتىنى ئاشۇرىدۇ. قارا سۇلياۋ يوپۇقنىڭ تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇشى ئاق سۇلياۋ يوپۇقنىڭكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ بەزى يىلتىز سىستېمىسى تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان زىرائەتلەر، مەسىلەن، شوخلا، يېسسى پۇرچاق، باقلا، كېچىكىپ پىشىدىغان تاۋۇز قاتارلىقلارغا قارا رەڭلىك سۇلياۋ يوپۇق ياپقاندىن كېيىن، مەيلى باشتىكى مەھسۇلاتى بولسۇن ياكى ئومۇمىي مەھسۇلاتى بولسۇن ئاق سۇلياۋ يوپۇق ياپقانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، شوخلىنى قارا سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرسە، ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى %11.8 كە يېتىدىكەن.
      ئوت - چۆپلەرنى تىزگىنلەيدۇ. ئاق سۇلياۋ يوپۇق ياپقاندا ئوت - چۆپ زىيىنى بىر ئېغىر مەسىلە. ئەگەر قارا سۇلياۋ يوپۇق ياپسا، ئوت - چۆپلەر يورۇقلۇققا ئېرىشەلمەي قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %5 بولغان قارا سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ 1 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئوت - چۆپلەر ئاساسەن ئۆسمىگەن. نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %10 بولغان قارا سۇلياۋ يوپۇق ياپقاندا، تۇپراقتا گەرچە ئوت - چۆپلەر ئۈنگەن بولسىمۇ، ئۆسۈشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئاپەت خاراكتېرلىك بولمىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر