ئافغانىستاندىكى تالىبانلار 24-سىنتەبىر بىر مۇخبىرغا بىر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى ئىۋەتىپ بەرگەن. بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە تالىبانلارنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ شاھزادىسى خالى شاھزادىنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش خاتىرلەنگەن ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى 15 نەپەر قۇراللىق ئادەمنىڭ 14-سىنتەبىر كەچتە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېرماندا ئۆلكىسىدى باسشىن لاگىرىغا مىلتىق، توپ ئوقى بىلەن ۋە راكىتا ئارقىلىق بومبا تاشلاپ ھۇجۇم قىلىغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شاھزادە خالىمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا بۇ لاگىردا ئىكەن. بىراق ئۇ ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچىرىماپتۇ.
بۇ غەرىب دۆلىتىىدىن كەلگەن مۇخبىرغا ئېۋەتىپ بېرىلگەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن تالىبانلارنىڭ سىم تور توساقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ يۇچۇقلىرىدىن ئۆتۈشنى مەشىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
يەنە بىر كۆرۈنۈشتە بولسا، بىر ئەرنىڭ قۇراللىق خادىملارغا نىشاننى قارىغا ئېلىشنى ئۈگىتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى دوسكىغا ئايروپىلان ۋە مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنىڭ سۈرئىتى سىزىقلىق ئىكەن. بۇ ئەر پۇشتۇ تىلىدا سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ تىل ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق تىلى ئىكەن. ھەمدە پاكىستاننىڭ بىر قىسىم رايونىدىمۇ بۇ تىل قوللىنىلىدىكەن. دوسكىغا يەنە ئوردوچە خەتلەرمۇ يېزىلغان بولۇپ، ئوردو تىلى پاكىستاندىمۇ ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدىكەن.
بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنىشىنىڭ راس-يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە سىنئالغۇغا ئالغان ۋاقىت ۋە ئورۇن كۆرسىتىلمىگەن ئىكەن. ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى تارقىتىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ھەيۋە قىلىش ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ ئىش بولۇشتىن بۇرۇن دوكىلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 8-ئايدا قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن ئازلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.