شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشمۇ ئامېرىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن سىرت، ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ زىيىنىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2001-يىلى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ 3177 ئەسكىرى ئافغانىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2114ئى ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر.
گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى 2011-يىلى مايدا بېن لادىننى يوقاتقان بولسىمۇ لېكىن تالىباننىڭ كاتتىۋېشى ئۆمەرنىڭ يەنىلا ئىزدىرىكى يوق، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قىسمى، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىغا يەنىلا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا ئافغانىستانلىق 1462 پۇقرا تۈرلۈك زوراۋانلىق ۋەقەسىدە قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80 پىرسەنتى تالىباننىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
گەرچە دۈشمەننىڭ ئەمەلىي كۈچى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاجىزلىغان بولسىمۇ لېكىن قانلىق توقۇنۇش ۋە غۇربەتچىلىك يەنىلا ئافغانىستانلىقلارنى چۈشەپ قويماقتا، كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فراپپىسورى فەيىزۇللا جالال شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئېنىقىنى ئېيتسام ئۆتكەن 11 يىلدا ئافغانىستان نۇرغۇن ئىلگىرلەش ۋە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ئىدى، لېكىن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ناھايىتى ئاجىز. ناۋادا خەلقئارا جەمئىيەت 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيىسى چېكىنگەندىن كېيىن ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىغا داۋاملىق ياردەم بەرمىسە، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر يوققا چىقىدۇ.
كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەخمەد جەمشىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يول بويىدىكى بومبىسى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبىسى يەنىلا ئافغانىستانلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. ئۇ: ئۇزاق مۇددەت تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئافغانىستاننىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر مەنزىلى يىراق دېدى.
ئامېرىكىلىق 8 ياشلىق بالا ئاپىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغۇرلۇقچە ھ...
ئەنجىلىنا . جۇلى ئىئوردانىيە مۇساپىرلار لاگىرىنى كۆزدىن كەچ...
ئوباما ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئە...
كانادادىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا جۇڭگولۇق خۇجايىن باشقىلار ...
فىرانسىيەنىڭ مىرۇس شەھرىدە بىر ئاپتۇبۇس ئۆرۈلۈپ كىتىپ، 3 ئا...
جەنوبى ئافرىقىدىكى مەخسۇس قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈ...
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەربىيلەرنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشى ئاشك...