پىدىگەن مايسىسىنى ئادەتتە 2-3 تال ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغاندا كۆچۈرۈش كېرەك، مايسا كۆچۈرۈشتىن 3-4 كۈن بۇرۇن مايسىزارلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتسە، كۆچۈرگەندىن كېيىن تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى، مايسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تېمپېراتۇرىنى-5-4 سىلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلىتىپ، مايسا چېنىقتۇرۇش لازىم.
مايسا يېتىشتۈرگەندە، بولۇپمۇ پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرگەندە، كۈندۈزى شامال ئۆتۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شامالدىتىش، نۇر چۈشۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم.
مايسا كۆچۈرۈشتىن 1 كۈن ئىلگىرى چۈشتىن بۇرۇن مايسىزارلىقنى سۇغۇرۇش، تۇپراق نەملىكى مۇۋاپىق بولغاندا مايسىنى قومۇرۇش لازىم. مايسىنى قومۇرغاندا ئىمكانقەدەر يىلتىز زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆپرەك توپا بىلەن بىللە قومۇرۇش، قومۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ تىكىش لازىم. مايسا كۆچۈرگەندە ئېھتىياتچان بولۇش، غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى زەخىملەندۈرمەسلىك، يىلتىز سىستېمىسى تۇپراقتا تەكشى يېيىلىپ تۇرۇش، يىلتىزىنى كاللەكلەشتۈرمەسلىك ياكى تۈرىۋەتمەسلىك لازىم. ئاپتاپتا مايسا سولىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مايسا كۆچۈرگەچ سۇلياۋ يېپىش ياكى سايە چۈشۈرۈش ئارقىلىق كۈن نۇرى بىۋاسىتە تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. مايسىنى كۆچۈرگەندىن كېيىن تېزراق تۇتۇشى ئۈچۈن، تىكىپ بولۇپ سۇ پۈركۈش، ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر قېتىم سۇغۇرۇش لازىم.
كۆپ قوللىنىلىدىغان مايسا كۆچۈرۈش ئۇسۇللىرى
1. ئوزۇقلۇق قاچىسىغا كۆچۈرۈش
بۇنىڭ يىلتىز ئاسراش رولى ياخشى بولىدۇ، كۆچۈرگەندىن كېيىن تۇتۇش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ، تۇتۇش مەزگىلى بولمايدۇ.
2. مايسىزارلىققا كۆچۈرۈش
بۇنىڭدا ئۇۋىلاپ تىكىش ياكى چۆنەك تارتىپ تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا مايسىزارلىق ئوتتۇرىسىدىن قۇر ئارىلىقىنى 10-15cm قىلىپ، 3-4cm چوڭقۇرلۇقتا كىچىك چۆنەك ئېچىلىدۇ، سۇ قۇيۇپ، سىڭىپ بولغاندىن كېيىن مايسىنى چۆنەككە سېلىپ، توپا بىلەن كۆمۈپ قويسا بولىدۇئ
3.ئوزۇقلۇق توپىسىغا كۆچۈرۈش
بۇنىڭدا مايسىزارلىقنى قاندۇرۇپ سۇغۇرۇپ، ئاندىن مۇئەييەن قۇر ئارىلىقى بويىچە مايسا ئورنىنى بەلگىلەپ، ئوزۇقلۇق توپىسىنى چاقماق شەكلىدە ياساپ، ھەربىر چاقماقنىڭ ئوتتۇرىغا بىردىن تۆشۈك ئېچىپ، مايسىنى تۆشۈككە كۆچۈرگەندىن كېيىن توپا بىلەن تىندۇرسا بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ