ئۇزۇنچاق پېدىگەن تۈز چۈشمىسە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
كۆچۈرىدىغان مايسىنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆستۈرمەسلىك، بالدۇرراق كۆچۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ، ۋاقتىدا كۆچۈرۈش، مايسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
ئازوت ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاش مىقدارىنى كونترول قىلىش، چوڭقۇر چۆنەك، ئېگىز تاختا ئېلىپ ئۆستۈرۈش، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
چوڭقۇرراق كولتىۋاتسىيە قىلىش ئارقىلىق، بىر قىسىم يىلتىزلىرىنى كېسىۋېتىپ، ئۆسۈشىنى كونترول قىلىش لازىم.
مۇۋاپىق مەزگىلدە شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىنى مۇۋاپىق پۇتاش، شاخ يۆلەش، شامال ئۆتۈشۈشىنى ياخشىلاش ھەمدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەڭشىگۈچى دورا، مەسىلەن، پاكلوبۇترازول )دوشياۋزو (多效唑، بوغۇم قىسقارتقۇچى ئامىن سوجيېئەن (缩节安)، دىقماقچى ئەيجۇاڭسۇ (矮壮素) قاتارلىق خىمىيەلىك دورىلار ئارقىلىق ئۆسۈشىنى كونترول قىلىش لازىم.
چىمداش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم. يەنى، بەك ئۆسۈپ كەتكەن تۈپلەرنىڭ ئۇچىدىن تۆۋەنگە قاراپ 3 - يوپۇرماق تۆۋىنىدىكى بوغۇمىنى يېنىك چىمداپ سۈيىنى چىقىرىۋەتسە، توقۇلمىلىرى ۋاقىتلىق زەخىملىنىپ، ئوزۇقلۇقلار ئۈستى قىسمىغا توشۇلالماي، ئۆسۈشتىن توختايدۇ. چىمدالغان جاي 4-5 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە باشقا چىمدالمىغان، ئاجىز، كىچىك مايسىلار، ئاجىز شاخلار ئۆسۈپ تەكشىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئاشىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ