زىيانسىز كۆكتاتنى ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

0 2012-09-27 11:19:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كۆكتاتنى قارىغۇلارچە ئوغۇتلىسا، زىيانلىق ماددىلار كۆكتاتنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يىغىلىپ، ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئۆلچەم بويىچە ئوغۇتلانمىغان كۆكتاتلاردا نىترات كىسلاتا تۇزلىرى يىغىلىپ قالىدۇ. بۇنداق كۆكتاتلارنىڭ راك پەيدا قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرى. شۇڭا، زىيانسىز كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا توغرا ئوغۇتلاش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
      زىيانسىز كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا ئورگانىك ئوغۇت ئاساس، باشقا تۈردىكى ئوغۇتلار قوشۇمچە، كۆپ خىل ئېلېمېنتلىق ئوغۇت ئاساس، يەككە ئېلېمېنتلىق ئوغۇت قوشۇمچە بولۇشى كېرەك. خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى ئىشلەتكەندە نىترات ھالىتىدىكى ئازوتلۇق ئوغۇتنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئوغۇتلاشنى ئەڭ ئاز بولغاندا يىغىۋېلىشقا 30 كۈن قالغاندا توختىتىش كېرەك. ئوغۇتلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      1. گەندە بىلەن ئوغۇتلىغاندا ياخشى چىرىتىش، قوشۇمچە ئوغۇتلىغاندا ئوغۇتلاپ بولۇپلا، دەرھال سۇغۇرۇش كېرەك.
      2. خىمىيەۋى ئوغۇتنى چوڭقۇر، بالدۇر بېرىش كېرەك. چوڭقۇر ئوغۇتلىغاندا ئوغۇتنىڭ پارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئازوت ئېلېمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بالدۇر ئوغۇتلىغاندا ئۆسۈملۈك تېنى بالدۇر يېتىلىپ، تىمەن ئۆسىدۇ ۋە ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمى ئۇزۇنغىچە يوقىمايدۇ. ئامىنو ھالەتتىكى ئازوتلۇق ئوغۇتلارنى 6cm چوڭقۇرلۇقتا، ئۇرېيەنى 10cm چوڭقۇرلۇقتا بەرسە مۇۋاپىق.
     3.بىيولوگىيەلىك ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن فوسفورلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇتلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. بىيولوگىيەلىك ئازوتلۇق ئوغۇت خىمىيەۋى ئوغۇتنى كۆپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان تۇپراق قېتىشنى ياخشىلايدۇ، فوسفور ۋە كالىيلىق ئوغۇتلار كۆكتاتلارنىڭ كېسەللىك ھەم زىيانداش ھاشاراتقا تاقابىلچانلىقىنى، ناچار شارائىتقا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
    4. كۆكتات تۈرى ۋە ئۆستۈرۈش شارائىتىغا ئاساسەن جانلىق ئوغۇتلاش كېرەك. ئوخشىمىغان كۆكتاتلاردا نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ يىغىلىش دەرىجىسىدە خېلى زور پەرق بولىدۇ. ئادەتتە، يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلاردا مېۋىسى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلارغا قارىغاندا نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ يىغىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. ئوخشاش بىر خىل كۆكتات ئوخشىمىغان ئۆستۈرۈش شارائىتى، كىلىمات شارائىتىدا نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ يىغىلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا، كۈچلۈك ئاپتاپتا نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ يىغىلىش دەرىجىسى ئاز بولىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئاجىز يورۇقلۇق شارائىتىدا چوڭراق بولىدۇ. شۇڭا، زىيانسىز كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتا ئوغۇتلاش جەريانىدا كۆكتات تۈرى، ئۆستۈرۈش شارائىتى، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر