تىكىلگەن كۆچەتنىڭ ئەي بولۇش - بولماسلىقى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەم ۋە ئۈنۈمىگە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە. مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. كۆچەتنى مۇنتىزىم كۆچەتخانىدىن كىرگۈزۈش كېرەك. ئادەتتە، كۆچەتلەرنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى بولىدۇ. يەنى ئېگىزلىكى، غولىنىڭ دىيامېتىرى، ئاساسىي يىلتىزى، ئوق يىلتىزى، چاچما يىلتىزلىرىنىڭ سانى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. 1 -، 2 - دەرىجىلىكلىرىنى كىرگۈزۈپ تىكسە، تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ كۈزدە تىككەندە كۆچەتنى قومۇرۇشتىن بۇرۇن سۇغۇرۇش، قومۇرۇش، يۆتكەش جەريانىدا چاچما يىلتىزلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. كۆچەت يىلتىزىنى 150 ھەسسىلىك مېتىل توپسىنغا چىلاپ تىكسە، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆچەتنى قومۇرغان كۈنى تىكسە ئەڭ ياخشى. ئەگەر شۇ كۈنى تىكىشكە مۇمكىن بولمىسا، كۆچەت يىلتىزىنى نەم توپا بىلەن كۆمۈپ قويۇش كېرەك.
2.ئورەكنى چوڭراق كولاش كېرەك. چۈنكى كۆچەت يىلتىزى يۇمران بولغاچقا، قاتتىق يەردە ئۆسەلمەيدۇ. ئادەتتە، ئورەكنىڭ دىيامېتىرى 80cm، چوڭقۇرلۇقى 60cm بولسا مۇۋاپىق. ئورەك تېگىدىن ئېلىنغان 30cm قېلىنلىقتىكى توپىغا %50 ئەتراپىدا يوپۇرماق، شاخ - شۇمبا، ئوت - چۆپ، پاخال قاتارلىقلارنى ئۇۋاقلاپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئورەكنىڭ تېگىگە تۆكۈپ، ئاندىن كۆچەتنى تىكىپ، ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئېلىنغان توپىغا %30 ئەتراپىدا تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ كۆمسە، كۆچەت ئاسان ئەي بولىدۇ ھەم تىمەن ئۆسىدۇ.
3.كۆچەتنى تىكىپ بولۇپلا سۇغۇرۇش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تۇتۇش نىسبىتىگە تەسىر يېتىدۇ. كۆچەتنى تىكىپ 1 ئايغىچە ھەپتىدە 1 قېتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن 10-15 كۈندە 1 قېتىم سۇغارسا بولىدۇ. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سۇغۇرۇشنى توختىتىپ، كۆچەتنىڭ ياغاچلىشىپ قىشتىن ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلاش كېرەك.
4.كۆچەتنى ئەتىيازدا تىككەندە، ئېگىزرەك كۆچەتلەرنىڭ ئۇچىنى 10-20cm كېسىۋېتىپ، سۇلياۋ ئوراپ قويسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئەتراپىغا كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق ئېگىز ئۆسىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىماسلىق كېرەك.
5. ئېقىن سۇدا سۇغارغاندا كۆچەتنىڭ تۈۋى )يىلتىز بوغۇزىنىڭ يۇقىرى قىسمى( گە يىغىلىپ قالغان لاينى ۋاقتىدا ئېلىۋەتسە، كۆچەت غولى سېسىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ