كۆكتات ئۇرۇقلۇقىنى قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؟

0 2012-09-20 12:08:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قىزدۇرۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىش: بۇ ئۇسۇل پىدىگەن ئۇرۇقلۇقىغا ماس كېلىدۇ. ئۇرۇقلۇقنى ئاپتاپقا سېلىۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇتۇش ساندۇقىغا سېلىپ،70~73ق تېمپېراتۇرىدا 4 مىنۇت قىزدۇرۇپ، ئاندىن بىخلاندۇرسا يارىلىنىشتىن بولغان ۋىرۇسنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
      ئاقارتىش پاراشوكى لېيىدىن پايدىلىنىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش: ھەر كىلوگىرام ئۇرۇقلۇق10~20kg ئاقارتىش پاراشوكى لېيىغا 16 سائەت چىلاپ قويۇلسا، كۆكقات، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلاردىكى قارىيىپ چىرىش كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
      سۇغا چىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش: ھەر كىلوگىرام ئۇرۇقلۇقنى داكىغا ئوراپ تېمپېراتۇرىسى50~55ن قىزىق سۇغا 10~15 مىنۇت چىلاپ، ئاندىن قىزىق سۇ بىلەن چايقىۋەتسە، دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
      فورمالىنغا چىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش: ئۇرۇقلۇق %1 لىك فورمالىنغا 10 مىنۇت چىلانغاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، ھۆل رەخت بىلەن يۆگەپ قويۇلسا بولىدۇ.
      قىزىق سۇ ۋە مارگانسوپ بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش: ئۇرۇقلۇقنى 50ق قىزىق سۇغا 25 مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن،%1 لىك مارگانسوپقا 15 مىنۇت چىلاپ، ئاخىرىدا سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
      ئانبى سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش: ئۇرۇقلۇقنى %50 لىك ئانبىنى 500 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇرۇقلۇقنى 30 مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سۇدا چايقاپ بىۋاسىتە تېرىسا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر