1. تېمپېراتۇرا
بۆلجۈرگەن تېمپېراتۇرا18-26 بولغان مۇھىتتا ياخشى ئۆسىدۇ. تېمپېراتۇرا30 تىن يۇقىرى ۋە5سىلسىيەگىرادۇس تىن تۆۋەن بولغاندا ئۆسۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. قىش ۋە ئەتىيازدا تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق ساقلاش ئۈچۈن، پارنىك ئىچىگە ئەگمە پارنىك ياساش ۋە يەرگە يوپۇق يېپىش كېرەك. تېمپېراتۇرا32-سىلىيە گىرادۇس تىن يۇقىرى بولغاندا ۋاقتىدا شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. پارنىك ئىچى نەملىكىنى %80-%70 تە ساقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
پارنىك بۆلجۈرگىنىنىڭ ھەرقايسى ئۆسۈش مەزگىلىدىكى تېمپېراتۇرا تەلىپى: غۇنچىلاشتىن ئىلگىرى كۈندۈزى25-30سىلسىيە گىرادۇس ، كېچىدە15سىلسىيە گىرادۇس ؛ غۇنچىلاپ چېچەكلىگىچە كۈندۈزى28-22سىلسىيە گىرادۇس،كېچىدە10سىلسىيە گىرادۇس ؛ چېچەكلىگەندىن كېيىن كۈندۈزى20 25 كېچىدە5؛ مېۋىلىگەندىن كېيىن كۈندۈزى15~20℃، كېچىدە3سىلسىيە گىرادۇس تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
2.ئوغۇتلاش
پارنىك بۆلجۈرگىنىنىڭ مېۋىلەش مەزگىلى ئۇزۇن، شۇڭا ئاساسىي ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاشنى ئاساس قىلغان ھالدا قوشۇمچە ئوغۇتلاشنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىپ، ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. قوشۇمچە ئوغۇتلاشتا، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئوغۇتلاش پىرىنسىپى بويىچە پارنىك يوپۇقىنى ياپقاندىن تارتىپ غۇنچىلىغىچە 10 كۈندە 1 قېتىم ھەر مو يەرنى 10 كىلوگىرام ئۇرېيە، 5~8 كىلوگىرام كالتسىي سۇپېرفوسفات ۋە كالىي خىلورىد بىلەن ئوغۇتلاپ سۇغۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدە دورا پۈركۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ئوغۇتى قاتارلىق ئورگانىك ئوزۇقلۇق ئېرىتمىسىنى يوپۇرماققا پۈركۈپ، بۆلجۈرگەننىڭ مېۋە ئېغىرلىقى ۋە قەنت تەركىبىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
3. سۇغۇرۇش
پارنىك تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، تۇپراق سۇ تەركىبىنىڭ پارلىنىشى كۆپ بولغاچقا، پارنىك بۆلجۈرگىنى پەرۋىشىدە ۋاقتىدا سۇغۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالدىنقى مەزگىلدە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا كەچتە سۇغۇرۇش، ئاخىرقى مەزگىلدە پارنىك ئىچى - سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاچقا، چۈشتىن بۇرۇن سۇغۇرۇش، سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش، ئاندىن شامال ئۆتۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەملىكنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. سۇغىرىش قېتىم سانىنى بەك كۆپەيتىۋەتمەي، ھەر قېتىم قاندۇرۇپ سۇغۇرۇش كېرەك. چېچەكلەشتىن 1 ھەپتە ئىلگىرى سۇغۇرۇشنى توختىتىپ، چېچەكلەپ 15 كۈندىن كېيىن ئوغۇتلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، 1 قېتىم سۇغۇرۇش كېرەك.
4. يورۇتۇش
نۇرنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى، يورۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى پارنىك بۆلجۈرگىنىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا پارنىك يوپۇقىنى دائىم سۈرتۈپ تازىلىغاندىن باشقا، يەنە يورۇتۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تېمپېراتۇرىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا پارنىك يوتقىنىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئېچىپ كېيىنرەك يېپىش كېرەك. ھاۋا تۇتۇق ۋە قار ياغقان كۈنلەردە پارنىك ئىچىگە چىراغ يېقىپ يورۇتۇش كېرەك.
5.تۈپ پەرۋىشى
پارنىك بۆلجۈرگىنى پەرۋىشىدە چاڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا چېچەك بالدۇر سۇلۇپ، ئوزۇقلۇق خورىشى ئازىيىدۇ، مېۋىسىنىڭ يېتىلىشى تېز ھەم چوڭ، غەيرىي شەكىللىك مېۋە ئاز بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 كىچە موي قەلەمنى گۈل چېڭىغا مىلاپ، چېچەكلەرگە ئالا قويماي تەگكۈزۈپ چاڭلاشتۇرسا بولىدۇ. پارنىكقا ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىپ چاڭلاشتۇرسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسىنى كۆپلەپ چېچەكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە قويۇپ بېرىش كېرەك. پارنىك تېمپېراتۇرىسى15-30 بولسا، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۆسۈش مەزگىلىدە بۆلجۈرگەننىڭ ئاستى قىسمىدىكى قېرى ۋە كېسەل تەگكەن يوپۇرماقلارنى پۇتىۋېتىش، بەك ئۆسۈپ كەتكەن پېلىكىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا پۇتاش كېرەك. چېچەكلەشتىن ئىلگىرى غۇنچە بۆلۈنۈش مەزگىلىدە چېچەك رېتىدىكى غۇنچىلارنى مۇۋاپىق شالاڭلىتىش، يۇمران مېۋە مەزگىلىدە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان مېۋىلەرنى ۋاقتىدا پۇتىۋېتىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ