ئېلىمىز دېھقانچىلىقىدا ئېتىز سۇغۇرۇشنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

0 2012-09-20 12:03:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئېلىمىز دېھقانچىلىقىدا ئېتىز سۇغۇرۇشنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك


      ئېلىمىز سۇ بايلىقى كەمچىل دۆلەت، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سۇ بايلىقى مىقدارى بويىچە تىزغاندا، دۇنيا بويىچە 109 - ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيا سۈيىنىڭ ئاران 1/4 ىگە توغرا كېلىدۇ.
      ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەمدە سانائەت ۋە شەھەرلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ جىددىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىدىكى ئىگىلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى %80 تىن نۆۋەتتىكى %70 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى.
      يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىشتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج زىددىيىتى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. سۇ كەمچىل بولۇش ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر تەرەپتىن، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ كەمچىل، يەنە بىر تەرەپتىن، سۇ ئىشلىتىشتە ئىسراپچىلىق قىلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئاران %40-%30، ئەمما تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ %80-%70 تىن يۇقىرى. دېمەك، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرۇش ئىشلىرىدا سۇ تېجەپ سۇغۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.
      سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇغۇرۇش سۈيىنىڭ پايدىلىنىلىش نىسبىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، جۈملىدىن يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ ئىشلىتىش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئېلىمىز سۇ بايلىقىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.
      ئېلىمىزنىڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىن كەمچىل تۇرۇقلۇق سۇ ئىشلىتىشتە ئىسراپچىلىقنىڭ ئېغىر بولۇشى ھەربىر كىشى ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە، بولۇپمۇ تېرىلغۇ يەرنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارى جەھەتتە زىيان ۋە ئىسراپچىلىق ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسىم سۇغۇرۇش رايونلىرىدا تېرىلغۇ يەرنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ (قېتىم - مو100m3 ) دىن كۆپ، ئەڭ تۆۋەن دېگەندىمۇ (قېتىم - مو75m3 ) ئەتراپىدا بولۇپ، زىرائەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجلىق بولغان سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ (قېتىم - مو500m3 ) دىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېھقانچىلىقتا ئېتىزنى سۇغۇرۇشتا سۇنىڭ ئىسراپ قىلىنىشى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى سۇغۇرۇش كۆلىمىنىمۇ ئازايتىۋىتىدۇ ھەمدە يەر ئاستى سۇ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سۇغۇرۇش رايونىدىكى تۇپراقنىڭ ئىككىلەمچى شورلىشىپ كېتىشى ۋە زەيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      ئېلىمىز قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلارنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ دۆلەت. ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە خىمىيە سانائىتى بايلىقلىرى مول، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، ئەمما تەبىئىي ھۆل - يېغىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز، سۇ بايلىقى كەمچىل، شۇنداقلا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %~80%50 كە يېتىدۇ، ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يىزا ئىگىلىكى مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن ھەم تۇراقسىز بولىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى، سانائەت يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى ھەم ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ سۇغا بولغان تەلىپى جىددىي ئېشىپ، سۇ بايلىقى تېخىمۇ يېتىشمەي قېلىۋاتىدۇ.
      سۇ كەمچىل بولۇش ئېلىمىز قۇرغاق رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇپ قالدى. سۇغۇرۇش رايونىدىكى سۇغۇرۇشنى باشقۇرۇش پۈتكۈل سۇغۇرۇش رايونىنىڭ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش بولۇپ، سۇغۇرۇش رايونىنىڭ ئېتىز قۇرۇلۇشلىرى سۇغۇرۇش رايونى ئىچىدىكى بارلىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېتىز - ئېرىق سۇغۇرۇش سۈيىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئېتىز - ئېرىق سۇغۇرۇش سۈيىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەش، ئىلمىي ۋە تېجەشلىك سۇ ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، ئېتىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەمدە سۇغۇرۇش رايونىنىڭ سۇ - تۇپراق بايلىقى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، سۇغۇرۇش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، زىرائەتلەردىن يۇقىرى مۇقىم مەھسۇلات ئېلىش لازىم. ئېلىمىز تەجرىبە تەتقىقات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار سۇغۇرۇش، سۇ چىقىرىۋېتىش يېڭى تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، سۇغۇرۇش رايونىدا تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، سۇغۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. سۇغۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش، يېز ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
      ئېتىز سۇغۇرۇشنى باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:
      1. سۇغۇرۇشقا ئائىت قائىدە - نىزاملارنى ئورنىتىش ھەمدە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇ ھەققى يىغىش ھەمدە كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى قانات يايدۇرۇش.
      2.سۇنى پىلانلىق ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش، ئېتىز سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، تەقسىم قىلىش، ئېتىز ئىچىدىكى سۇغۇرۇش، سۇ چىقىرىشنى مۇۋاپىق تەشكىللەش ۋە ئىجرا قىلىش.
      3.ئېتىز ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە رېمونت قىلىش، ئاسراش، ئېتىز ئىچىدىكى سۇغۇرۇش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ۋە بىخەتەر ئىشقا كىرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئېتىز سۇغۇرۇشنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر