ئىككى خىل ۋىرتوچكىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قارشى تەدبىرلەر

0 2012-09-20 12:01:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئىككى خىل ۋىرتوچكىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قارشى تەدبىرلەر


      بىرىنچى، سۇغۇرۇش رايونلىرىدا قوللىنىلىۋاتقان ئىككى خىل ۋىرتوچكا توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
      ۋىرتوچكا سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىدىكى سۇنىڭ خالىغان چوڭقۇرلۇقتىكى نۇقتىسىدا سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋابتۇر. ئۇنىڭ پىقىرغۇچى ياكى پالاقلىرى ھەرىكەتچان سۇنىڭ ياكى تىنچ سۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن ئايلىنىپ، سۇنىڭ ئېقىش تىزلىكىنى ھېسابلاشتا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
       پىقىرغۇچ شەكىللىك ۋىرتوچكا ئايلاندۇرۇش قىسمى، جازا قىسمى ۋە قۇيرۇق قىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. ئايلاندۇرۇش قىسمى سۇ ئېقىنىدىكى بېسىم كۈچىدىن پايدىلىنىپ تەڭپۇڭسىز كۈچ مومېنتىنى پەيدا قىلىپ ئايلاندۇرۇش ئوقىنى ئىتتىرىپ ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق زاپچاس بولۇپ، بۇ خىل زاپچاسنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنى ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرى ئىستاكان شەكىللىك ۋىرتوچكا، يەنە بىرى ئايلانما پالاق شەكىللىك ۋىرتوچكا. جازا قىسمى ۋىرتوچكىلارنىڭ ئايلاندۇرۇش قىسمى بىلەن قۇيرۇق قىسمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق زاپچاس بولۇپ، ئۇ سۇ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەش تاياقچىسىغا ياكى قوغۇشۇن بېلىق ئېسىلغان سىم ئارقانغا ئۇلۇنۇپ، سۇنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەشكە شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. قۇيرۇق قىسمى بولسا ۋىرتوچكىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان ئاساسلىق زاپچاس بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىن يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
      ئىككىنچى، سۇغۇرۇش رايونلىرىدا قوللىنىلىۋاتقان ۋىرتوچكىنى توغرا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
      ۋىرتوچكىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، ئۆلچەنگەن سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكىنىڭ ئېنىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      .1 ۋىرتوچكىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى مەشغۇلات ئۆيىدە ياخشى ساقلاش كېرەك. ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك، باشقىلارغا ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
      .2 بۇ ئىككى خىل ۋىرتوچكىنى سۇغا سېلىپ سۇ ئېقىش تېزلىكىنى ئۆلچەشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى بويىچە قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىناپ تەكشۈرۈش كېرەك. تەكشۈرگەندە توك سىملىرىنىڭ ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقىغا ياخشى قاراش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئەسۋابلارنىڭ ۋېنتىلىرىنى تولۇق چىڭىتىپ مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستاكان شەكىللىك ۋىرتوچكىغا نىسبەتەن ئوق ئالماشتۇرغاندىن كېيىن توك سىمىنى ئۇلاپ ئايلاندۇرۇش قىسمىنى قولىمىزدا ئايلاندۇرۇپ سىگنال بەرگەن - بەرمىگەنلىكىنى سىناپ بېقىش كېرەك.
      .3 ۋىرتوچكىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىكى تۈزۈلمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ بولالمىغاندا، ئۇنى خالىغانچە چۇۋۇشقا ياكى ساندۇق ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقايسى زاپچاسلارنىڭ ئورنىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەسۋابنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكىنى ئۆلچىگىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئەسۋابنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقىراپ كېتىدۇ
      .4 ۋىرتوچكىنىڭ پىقىرغۇچى قىسمىنى ياكى ئايلانما پالاق قىسمىنى قويغاندا، پالاق قىسمىنىڭ بېسىلىپ قېلىپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئېسىپ قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلمىغاندا ئايلاندۇرۇش پالىقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكىنى ئۆلچەشكە ۋە ھېسابلاشقا تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ ئېنىقلىقى خېلىلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
      .5 ۋىرتوچكىنى ئىشلەتمىگەندە ياكى ئۇنى ئۇزۇن مۇساپىگە ئېلىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاساسلىق داتلىشىدىغان بۆلەكلىرىنى قويۇق ياكى سۇيۇق ماي بىلەن مايلاپ مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ۋىرتوچكىنىڭ مېيى تۈگەپ كەتسە ياكى يوق بولۇپ قالسا كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئاپتول بىلەن مايلاپ مۇھاپىزەت قىلسىمۇ بولىدۇ.
      .6 ۋىرتوچكا ساندۇقىدىكى قوشۇمچە سايمانلارنى (ئەتۋىركە، ئامبۇر ۋە قىسقۇچ، سىكوتىمېتىرلىق سائەت، ئەسۋاب مېيى ۋە باشقا قوشۇمچە زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆز ئورنىغا قويۇش، يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك.
      .7 ۋىرتوچكىدىن پايدىلىنىپ كېسىك يۈزىدىن ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن پاكىزە ۋە قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ، ئەسۋابنى ئۆلچەش تايىقىدىن ياكى قوغۇشۇن بېلىق ئېسىلغان سىم ئارقاندىن ئاجرىتىپ، ئاسان بۇزۇلىدىغان ياكى ئاسان داتلىشىدىغان زاپچاسلارنى مايلاپ، ۋىرتوچكىنى ساندۇققا سېلىش قائىدىسى بويىچە تەرتىپ بىلەن سېلىش كېرەك.
      .8 ۋىرتوچكىغا قاچلانغان ساندۇقنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قۇرغاق ئورۇنلارغا قويۇش كېرەك. تېمپېراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولغان ياكى تۆۋەن بولغان، شۇنداقلا چىرىتكۈچى ماددىلار بولغان ئورۇنلاردىن يىراق ئورۇندا ساقلاش كېرەك. ۋىرتوچكا ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئېغىر نەرسىلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.
      شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەمەلىي ئۆلچەش مەشغۇلاتى جەريانىدا يۇقىرىقى سەككىز تەلەپ تولۇق قاندۇرۇلسا، ۋىرتوچكىنىڭ داتلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ ئېنىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم ئەسۋابنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىراجەتنى تېجەپ ئۆلچەش پونكىتلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
      ۋىرتوچكىنى توغرا ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىك ھەم ئۇنى ئاسراش ئېرىق - ئۆستەڭ سۇ ئېقىنىنىڭ ئېقىش تېزلىكىنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسىگە ھەم ۋىرتوچكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەرقانداق شەكىلدىكى ۋىرتوچكىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ چۈشەندۇرۇش ماتېرىيالىنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يول قويۇلىدىغان تېزلىك ئۆلچەش دائىرىسىدە كۆزىتىش تەلىپىنى قانائەتلەندۈرەمدۇ - يوق؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر يولغا قويۇلىدىغان ئېقىش تېزلىكى ئۆلچەش دائىرىسىنى قانائەتلەندۇرمىسە، ۋىرتوچكىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكىنى ئۆلچەش كېرەك. سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكى ۋىرتوچكىنىڭ يولغا قويۇش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە ئۆلچەش توختىتىلىدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋىرتوچكىلارنىڭ يولغا قويۇش دائىرىسى مۇنداق بولىدۇLs68 : تىپلىق ئىستاكان شەكىللىك ۋىرتوچكىنىڭ 0.2 -3.5m/s؛ 2-Ls68 تىپلىق ۋارونكا شەكىللىك ۋىرتوچكىنىڭ 0.02-0.5m/s؛ 1-Ls25 تىپلىق ئايلانما پالاق شەكىللىك ۋىرتوچكىدا 1 - نومۇرلۇق پالاقنىڭ 0.06-2.5m/s، 2 - نومۇرلۇق پالاقنىڭ 5m/s-0.2؛ Ls20 تىپلىق پالاق شەكىللىك ۋىرتوچكىنىڭ .0.1-4m/s يۇقىرىقى ۋىرتوچكىلاردىن پايدىلىنىپ سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىنىڭ خالىغان ئورنىدىن بىرنەچچە قېتىم تېزلىك ئۆلچەش ئارقىلىق سۇ ئېقىنىنىڭ تېزلىكىنى ھېسابلىغاندىن كېيىن قايسى خىل ۋىرتوچكىنىڭ يول قويۇش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمىسە، شۇ خىل ۋىرتوچكىنى كېسىك يۈزىدە داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
      ئۈچىنچى، ئىككى خىل ۋىرتوچكىنى قوللىنىپ ئېرىق - ئۆستەڭدىكى سۇ ئېقىنىنىڭ ئېقىش تېزلىكى ئۆلچىنىدىغان ئۆلچەش كېسىك يۈزىنى تاللاش
      ئىككى خىل ۋىرتوچكىنى قوللىنىپ ئېرىق -ئۆستەڭدىكى سۇ ئېقىنىنىڭ ئېقىش تېزلىكى ئۆلچىنىدىغان ئۆلچەش كېسىك يۈزىنى تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە تاللىغاندا، ئۆلچەنگەن تېزلىكنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى بولۇپ، ھېسابلانغان ئېقىن مىقدارىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ:
      1. ئېقىم تېزلىكىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئېرىق - ئۆستەڭ ياكى دەريانىڭ ئېگىلمىگەن، تۈز بولغان، تارماق ئېرىقى بولمىغان، سۇنىڭ ئېقىشى تەكشى بولغان تەرتىپلىك ئاقىدىغان، قاينام ھاسىل بولمىغان، دولقۇنلىنىپ ئېقىش ھالىتى كۆرۇلگەن، تاشقىن ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، تەتۈر ئېقىم بولمىغان ھەم كولاش - تىنىش ھادىسىلىرى كۆپ كۆرۈلمىغان ئورۇننى تاللاش كېرەك. بۇنداق ئورۇننى تاللىغاندا ئۆلچەنگەن سۇ ئېقىش تېزلىكىنىڭ ئېنىقلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
      2.سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزى سۇنىڭ ئېقىن يۆنىلىشىگە تىك بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۆلچەپ ھېسابلىنىپ توپلانغان ماتېرىياللار ئەمەلىيەتتىن يىراق بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەريا - ئۆستەڭلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى كەلكۈن ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.
      .3 سۇغۇرۇش رايونلىرىدا سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
      (1) ئانا ئۆستەڭنىڭ ياكى غول ئۆستەڭنىڭ سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىنى سۇ ئېلىش ئېغىزىدىن 50-200m غىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن تاللاپ بېكىتىش كېرەك.
      (2) تارماق ئۆستەڭ ياكى ئوق ئېرىقلارنىڭ سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىنى سۇ ئېلىش ئېغىزىدىن 50-100m غىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن تاللاپ بېكىتىش كېرەك.
      (3) يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېرىقلارنىڭ سۇ ئۆلچەش كېسىك يۈزىنى دەريا - ئۆستەڭلەرنىڭ ئورنى ۋە سۇنىڭ ئېقىش تېزلىكى مۇقىم بولغان، سۇ تەكشى تەرتىپلىك ئاقىدىغان، قاتتىق دولقۇنلاپ ئېقىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئورۇنلاردىن تاللاپ بېكىتىش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئۆلچەپ چىقىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئېنىق يىزىلىشى، ئۆلچەش خادىملىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، ئۆلچەش مەشغۇلاتى ئىقتىسادچىللىق بىلەن سۈپەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر