قازاقىستان يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا دۆلەتلەر باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئىمپورت ئۈسكۈنىلىرى تىزىملىكىنى بېكىتىدىكەن.
قازاقىستان ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئايتژانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان تەرەپ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئىمپورت ئۈسكۈنىلىرى تىزىملىكىنى بېكىتىش توغرىسىدا باشقا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىۋېتىپتۇ، بۇ تىزىملىك ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرى ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلىدىكەن. قازاقىستان تەرەپ ئىمپورت تاموژنا بېجىغا ئالاقىدار بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان كارخانىلارغا قارىتا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنىڭ زاپچاس - دېتاللىرىنىڭ ھەم جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان غەيرى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى خام ماتېرىياللارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى كۈچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئايتژانوۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كارخانىلارنىڭ تاموژنا بېجى يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ