قازاقىستان مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋىلادىمىر نېلكخوروشېۋ تاماكا ۋە ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى دۆلەت مەخسۇس سېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توكتارباي كادامبايېۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
قازاقىستان ئاھالىلىرىنىڭ ھەر يىللىق تاماكا ئىستېمال سوممىسى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. قازاقىستان تاماكا بازىرىنىڭ كۆلىمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، تاماكىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ھەر يىلى تەخمىنەن 28 مىليارد 500 مىليون تالدىن 29 مىليارد تالغىچە بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات چەت ئەللەردىن ئەتكەس قىلىپ كىرگۈزۈلگەن تاماكىلار سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
قازاقىستان تاموژنىسىنىڭ تاماكا ئىمپورتىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قاتتىق بولغاچقا، شۇنداقلا قازاقىستاندا يۈرگۈزۈلگەن تاماكا بېجى سىياسىتى تاماكا ئەتكەسچىلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولغاچقا، مەزكۇر دۆلەت بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ئەتكەس تاماكىلارنىڭ نىسبىتى %1 تىن ئاشمايدىكەن.
نۆۋەتتە، ياپونىيە تاماكا شىركىتىنىڭ قازاقىستان تاماكا بازىرىدىكى ئۈلۈشىنى تاماكىنىڭ سېتىلىش سانى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن %42.5 بولغان؛ سېتىلىش سوممىسى بويىچە ھېسابلىغاندا %43.2 بولغان. ياپونىيە تاماكا شىركىتىنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى بولغان فېلىپ موررىس شىركىتىنىڭ قازاقىستان تاماكا بازىرىدىكى ئۈلۈشى %90 تىن ئاشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە تاماكا شىركىتىنىڭ قازاقىستان بازىرىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇراھال باھالىق سىگارېت ئىكەن، فېلىپ موررىس شىركىتى بولسا ئوتتۇراھال ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا تىجارەت ئېلىپ بارىدىكەن. نۆۋەتتە ياپونىيە تاماكا شىركىتى قازاقىستان بازىرىدىكى تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى داڭلىق مەھسۇلات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ