رۇسىيە يېڭىچە راكېتا يېقىلغۇسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

0 2012-09-03 11:53:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      رۇسىيە ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى بۇ يىل 21 - فېۋرال يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە: كارخانىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان »ئاستام« دېيىلىدىغان بىر خىل يېقىلغۇ راكېتانىڭ توشۇش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
      ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى گۇرۇھى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاناتولى لىخۋانسېف تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنداق يېڭىچە يېقىلغۇ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئاتسېتىلىن بىلەن ئاممىياك ئېرىتمىسىدۇر. مۇبادا بۇنى رۇسىيەنىڭ يېڭىچە ‹‹ئىتتىپاق›› ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسىغا ئىشلەتكەندە، راكېتانىڭ يەر شارىنىڭ ماس قەدەملىك ئوربېتىسىغا كىرىشتىكى يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنى %30 ئاشۇرۇپ، قويۇپ بېرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
      تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە، بۇنداق يېڭىچە يېقىلغۇنىئىتتىپاق، پروتون، ئانكالا قاتارلىق راكېتالارغا ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى سىناپ باقماقچى.
      مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: پەۋقۇلئاددە تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇش ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارمۇ بۇنداق يېڭىچە يېقىلغۇغا قىزىقىپ قالدى، بۇنداق يېقىلغۇنىڭ ھازىرقى مەلۇم ئۇچۇش ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر