قازاقىستاننىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئۈچ دۆلەت قاتارىدا تۇرىدۇ. بۇ ئەنيۇڭ شىركىتى ئوكسفورد ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن يېزىپ چىققان ‹‹يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار تەرەققىيات مۆلچەرى›› دېگەن تېمىدىكى دوكلاتتا ئېرىشىلگەن يەكۈندۇر.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى قاتار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13 ئاشقان. ئۇندىن قالسا رەت تەرتىپى بويىچە جۇڭگو )شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قازاقىستان ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت بولغان. رۇسىيە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان 25 دۆلەت ئىچىدە 10 - ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5 ئاشقان. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارغا بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 205 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 444 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. نۆۋەتتە، بۇ بازارلارغا سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدىكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى قاتار بولۇپ، ھەربىر ئاھالىگە تەخمىنەن 1600 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كەلگەن. ئۇندىن قالسا چىلى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، چېخ ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى بىرقەدەر كۆپ بولغان. رۇسىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى 300 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 8 - ئورۇندا تۇرغان.
تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان 25 چوڭ تىپتىكى بازار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار قىلىپ تاللاندى. ئەنيۇڭ شىركىتى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارنىڭ فۇنكسىيەسى داۋاملىق كۈچىيىپ بارىدۇ2020 : - يىلىغا بارغاندا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىستېمال چىقىم خىراجىتى پۈتۈن دۇنيا ئىستېمال چىقىم خىراجىتىنىڭ %38 ىنى ئىگىلەيدۇ، مۇقىم كاپىتال مەبلىغى پۈتۈن دۇنيا مۇقىم كاپىتال مەبلىغىنىڭ %55 ىنى ئىگىلەيدۇ.
‹‹ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە جەنۇبىي ئافرىقا)›› دىن باشقا، شەرقىي ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى 25 كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %5.8 بولغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە (ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەر) نىڭ 3 ھەسسىسىگە باراۋەر. ئەمما، گەرچە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت نامراتلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاساسىدا ھېسابلاپ چىقىلغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭ ئاران %16 ىگە باراۋەر، ھىندىستاننىڭ بولسا ئامېرىكىنىڭ ئاران %7 ىگە باراۋەر. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاساسىدا ھېسابلاپ چىقىلغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭ %27 ىگە توغرا كېلىدۇ.
يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان 25 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليارد 200 مىليون بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇس ئەمگەك كۈچى زاپاس قوشۇنى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ئاشۇرىدىغان بۇلاقتۇر. مۆلچەرلىنىشىچە، 2010 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نوپۇس سانى ئېشىپ 268 مىليونغا يېتىدىكەن (%9.4 ئاشىدۇ). ئەنيۇڭ شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ چىقىمى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە يولۇقمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ